Uyghur←Chinese主要词典
ئاۋېلۇم
دۇنيا تارىخى
阿维鲁
ā wéi lǔ
سۆزمۇ سۆز تەرجىمىسى <ئەرنىڭ ئوغلى> دېگەن مەنىدە. قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقى (تەخمىنەن مىلادىدىن 1894 - 1595-يىللار ئىلگىرى) دىكى بىر ئىجتىمائىي تەبىقە. ئۇلار ئومۇمەن تولۇق ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدىغان ئەركىن كىشىلەر بولۇپ، ئاقسۆڭەكلەر، راھىبلار، ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلار، سودىگەر جازانىخورلارنى ھەمدە ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلار ۋە مۇستەقىل قول ھۈنەرۋەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قۇللار بىلەن قارىمۇ قارشى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، باشقا بىر قىسىم ئەركىن كىشىلەر (مۇسكېنوم) دىن كۆزگە كۆرۈنەرلىك ھالدا ئۈستۈن تۇرغان. <خاممورابى قانۇنى> دا: ئاۋېلۇملارنىڭ قايسى ئەزاسىغا زەخمەت يەتكۈزۈلسە، زەخمەت يەتكۈزگۈچىكە شۇنىڭغا ئوخشاش زەخمەت يەتكۈزۈلىدۇ، موسكېنوملارغا زىيان يەتكۈزۈلسە جەرىمانىلا ئېلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.