Uyghur←Chinese主要词典
ئاۋگۇستىنۇس
دۇنيا تارىخى
奥古斯丁
ào gǔ sī dīng
(تەخمىنەن 354-430)رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى خرىستىئان دىنىي مۇتەپەككۇرى، پوپچىلىق پەلسەپەسىنىڭ ۋەكىلى. نۇمىدىيە(ھازىرقى ئالجىرىيە زېمىنىنىڭ ئىچىدە)نىڭ تاگاستى دېگەن جايىدا تۇغۇلغان. دادىسى فاترىشيۇ رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەمەلدارى بولۇپ، بىدئەت ئىدى. ئانىسى مونىكا خرىستىئان دىنىنىڭ مۇرىتى ئىدى. ياش ۋاقتىدا كارفاگېن(ھازىرقى تونىس) دا ئىستىلىستىكا ئۆگەنگەن ۋە دەھرىي راھەت پاراغەتكە بېرىلىپ كەتكەن. كېيىن رىم ۋە مىلانغا بېرىپ، ئىستىلىستىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان ھەمدە پەلسەپە بىلەن ئىلاھىيەت تەتقىقاتىغا كۈچ چىقارغان. بىر مەزگىل مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. پلاتون ۋە يېڭى پلاتونچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ھەمدە مىلان ئېپسكوپى ئامبۇروسۇسنىڭ تەسىرىدە، مىلادى 387-يىلى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. يۇرتىغا قايتىپ كىلىپ ئىسسىئونېرلىق خىزمىتىنى قوبۇل قىلغان، ھىپپو(ھازىرقى ئالجىرىيىنىڭ ئاننابا دېگەن جايى)، پوپلۇق قىلغان؛ 396-يىلى ھىپپونىڭ ئېپسكوپلۇقىغا كۆتۈرۈلگەن. ئۇ خرىستىئان دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىنى يېڭى پلاتونىزم پەلسەپىسى ئارقىلىق دەلىللەپ، پەلسەپە بىلەن ئىلاھىيەتنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرگەن. <ئەزەلىي گۇناھكار تەلىماتى>نى تەرغىپ قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بوۋىسى ئادەم خۇدانىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلىپ گۇناھكار بولغاندىن بۇيان، ھەرقانداق ئادەم تۇغۇلۇشى بىلەنلا گۇناھكار بولۇپ، پەقەت خۇداغا ئېتىقاد قىلغان كىشىلا گۇناھتىن ساقىت بولالايدۇ، خرىستىئان چېركاۋى خۇدانىڭ بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر ۋەكىلىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇنۇش ۋە چېركاۋغا كىرىش قۇتقۇزۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر، دەپ جاكارلىغان. ئۇ يەنە<باقىي دۇنياتەلىماتى>نى ئوتتۇرغا قويۇپ، پۈتكۈل تارىخ <پانىي دۇنيا>بىلەن<باقىي دۇنياسى> ئارىسىدىكى رىقابەتتىن ئىبارەت، پانىي دۇنيا دەھرىي ھاكىمىيەت بولۇپ، كەلگۈسىدە ئاخىر يوقىلىدۇ، باقىي دۇنيا ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، خرىستىئان چېركاۋى باقىي دۇنيانىڭ بۇ دۇنيادىكى گەۋدىلىنىشىدۇر دەپ قارىغان. ئۇ چېركاۋنىڭ كىشىلىك دۇنياسىدا ئورناتقان ئىلاھىي ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاقلىغان ھەمدە ئوتتۇرا قەدىمكى ياۋرۇپادىكى كاتولىك چېركاۋىنىڭ دىنىي ھوقوق ھەممىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ نەزىرىيىسىنى نەزىرىيىۋى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى <باقىي دۇنيا نەزىرىيىسى>(<خۇدانىڭ شەھىرى>دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان)، <توۋاقىلىش خاتىرىسى>قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.