Uyghur←Chinese主要词典
ئاۋگسبۇرگ ئېتىقاد پروگراممىسى
领域: دۇنيا تارىخى奥格斯堡信纲
ào gé sī bǎo xìn gāng
پروتېستانت دىنى لۇتېر مەزھىپىنىڭ ئېتىقاد پروگراممىسى. لۇتېر ئۆزىنىڭ يېقىن ئادىمى مېخلانختونغا يازدۇرغان. 1530-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى چارلىس Ⅴ ئاۋگسبۇرگتا ئاچقان ئىمپىرىيە كېڭىشىگە تاپشۇرۇلغان. ئېتىقاد پروگراممىسىدا شەھەر ئاھالىسى سىنىپىنىڭ <پاك چېركاۋ> قۇرۇش تەلىپى بويىچە، لۇتېر مەزھىپىنىڭ دىنىي مۇراسىملىرىنى بېكىتكەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ دەھرىي ھۆكۈمرانلارغا بېقىنىش پرىنسىپلىرىنى بەلگىلىگەن. ئېتىقاد پروگراممىسى شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، 1524-1525-يىللاردىكى گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشىنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە، لۇتېر بەگلەر تەرەپكە ئېغىپ، لۇتېر مەزھىپى بەگلەرنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ كەتكەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。