Uyghur主要词典
ئاتۇش جامەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
« ئاتۇش جامەسى » شىنجاڭ تارىخىدىكى تۇنجى مەسچىت. بۇ مەسچىت ھازىر « سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مەسچىتى » ( ھەز سۇلتانۇم جامەسى ) دېگەن ئىسىم 13 _ ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى جامال قارىشىنىڭ « < سۇرراھ لوغىتى> نىڭ تولۇقلىمىسى» دە تىلغا ئېلىنغان. جامال قارشى قەشقەرىيە خان جەمەتى كۇتۇپخانىسىدىن تاپقان 11 _ ئەسىردە ياشىغان ئاتاقلىق ئەرەب لۇغەتشۇناسىنىڭ ئەسىرى « سۇخھاھ » نىڭ قول يازما نۇسخىسىغا ئاساسەن، پارىسچە ئىزاھلىق لۇغەت _ « سۇرراھ لۇغىتى » نى تەرجىمە قىلىپ تۈزۈپ چىقىدۇ. كېيىنكى بىر مەزگىلگە كەلگەندە قەشقەردىكى دىنىي ساھە زاتلىرىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن « < سۇرراھ لۇغىتى > نىڭ قولۇقلىمىسى » نى يېزىپ چىقىدۇ. تولۇقلىمانىڭ مەزمۇنىغا شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى بەزى خانىدانلىقلارنىڭ تارىخىدىن پارچىلار، جايلاردىكى داڭلىق دىنىي داھىيلار ھەققىدىكى رىۋايەتلەر، شۇنىڭدەك بىر قىسىم شەھەرلەرنىڭ يول قۇرۇلۇشى، ئۆرپ _ ئادەت ۋە مەھسۇلارلىرى قاتارلىقلار كىرگۈزۈلىدۇ. بۇ لۇغەتكە يەنە شىنجاڭدىكى تۇنجى مەسچىت بولغان « ئاتۇش جامەسى» نىڭ سېلىنىش جەريانىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە ۋە شەخسلەر كىرگۈزۈلگەن.
مەزكۇر لۇغەتتىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى بۇ تۇنجى مەسچىتنى ئەبۇ ناسىر سامانى دېگەن كىشى سالدۇرغانىكەن. ئەبۇ ناسىر سامانى 10 _ ئەسىرنىڭ بېشىدا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننى ئىمانغا كىرگۈزگەن زات بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان پۈتكۈل قاراخانىيلار خەلقىنى ئىسلام ئېتىقادىغا باشلاپ كىرگەن.
كېيىنكى كۈنلەردە ئەبۇ ناسىر سامانى بىلەن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مېيىتى ئاتۇشنىڭ مەشھەت دېگەن يېرىدىكى قەبرىستانلىققا يەنى « ئاتۇش جامەسى » نىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان، ئەنە شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن « سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى » يىراق _ يېقىندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەشھۇر تاۋابگاھىغا ئايلانغان.
يەكەن سەئىدىيە خانلىقى سەلتەنىتى دەۋرىدە سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ( مىلادىيە 1533 _ 1559 _ يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان ) نىڭ ھەر يىلى ئاتۇشقا كېلىپ ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرىنى تاۋاپ قىلىپ، قۇرئان _ تىلاۋەت ئۆتكۈزۈپ تۇرغانلىقى ھەمدە ئۇنى شۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇر بىناركارلىق سەنئىتىنىڭ ئۇسلۇبى بىلەن خىش قۇرۇلمىلىق گۈمبەز تورۇسلۇق قىلىپ كەڭ كۆلەمدە رېمونت قىلدۇرغانلىقى ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇپ چىققانلىقى مەلۇم. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرىنىڭ گۈمبىزى 1901 _ 1902 _ يىللاردىكى قەشقەر، ئاتۇش رايونىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن مازار ئورنى 1944 _ يىلدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە سۇ ئاستىدا قالغان.
« ئاتۇش جامەسى » مۇ ئاشۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ۋە كەلكۈن ئاپىتىدە ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغان.
2001 _ يىلىغا كەلگەندە ئاتۇش خەلقى بىر مەسچىتنى تامامەن يېڭىدىن سېلىپ چىقىشنى نىيەت قىلغان. نەتىجىدە ئاتۇش مەشھەدتىكى تۇرسۇن مۇھەممەت ھاجىم، سەمەت ھاجىم باشچىلىقىدىكى كەڭ خەلق ئۆز كۈچىگە تاينىپ مەسچىت قۇرۇلۇشىغا ئىش باشلىغان. 2003 _ يىلىنىڭ ئاخىرىدا 1300 كۋادرات مېتىرلىق مەسچىت قىسمى پۈتكۈزۈلۈپ تاماملانغان. نۆۋەتتە ھويلا ئارام ۋە باشقا مۇئەسسەسەلەر ئوڭشاشقا، سېلىنىشقا تۇتۇش قىلىندى.
بۇ جامەنى يېڭىدىن سالىدىغان چاغدا چېقىۋىتىلگەن مەسچىت 19 _ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ياسالغان بولۇپ 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنى باشتىن كەچۈرگەن بولغاچقا بەكلا كونىراپ، خەتەرلىك باسقۇچقا يەتكەن. ئۇنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 1 مىڭ 192 كۋادرات مېتىر، ئېگىزلىكى 7.43 مېتىر كېلەتتى. يېڭىدىن سېلىنغان مەسچىت 1000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئاشۇ « ئاتۇش جامەسى» نىڭ ئورنىغا سېلىندى.