Uyghur主要词典
ئاتىسېخ ئۇرۇشى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
سۇماتېرانىڭ شىمالىدىكى ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ يېقىنقى زاماندا گوللاندىيە ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزىغا زەربە بېرىش يولىدىكى ئۇرۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. پادرىيە ھەرىكىتى 1837 - يىلى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، گوللاندىيە ئارمىيىسى سۇماتېرانىڭ شىمالىي رايونىغا ئىلگىرىلەپ، 1872 - يىلى باتاكلار كونتروللۇقىدىكى رايونلارنى ئىشغال قىلىۋالدى. گوللاندىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىچكىرىلەپ كىرىشىدىن ئەنگلىيە ئىچكىرىلەپ كىرىشىدىن ئەنگلىيە ئەنسىرىدى. ئىككى تەرەپ 1871 - يىلى 11 - ئايدا <سۇماتېرا كېلىشىمى> ئىمزالىدى. گوللاندىيىنىڭ سۇماتېراغا تاجاۋۇز قىلىشىغا ئەنگلىيە ئارىلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. گوللاندىيە ئارمىيىسى 1873 - يىلى 3 - ئايدا ئاتىسېخ سۇلتانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، 1874 - يىلى 1 - ئايدا مەركەز ئاتجىخنى ئىشغال قىلىۋالدى. 1879 - يىلىغا كەلگىچە دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلارنىلا كونترول قىلىپ تۇرالىدى. ئىچكى جايلار قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلدى. كېيىنكى مەزگىلدە دىنىي داھىيلار قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ تەشكىلاتچىسى. رەھبىرى بولۇپ، جىھاد شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گوللاندىيىلىكلەرنى ئىلاجىسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى گوللاندىيە ئارمىيىسى گوللاندىيىدىكى ئىسلام ئۆلىماسى سىنوك ھۇرگرونجېنىڭ <باشقىلارنىڭ ئىچىدىكى مەنپەئەتتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنى ئىدارە قىلىش> توغرىسىدىكى تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە بويسۇنغان فېئودال ئاقساقاللارنىڭ يەرلىك قورچاق ھاكىمىيەت قۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، پارچىلاش سىياسىتىنى يولغا قويدى. 1903 - يىلى ئاتىسېخ سۇلتانى تەسلىم بولدى. لېكىن، ئاتىسېخ مۇسۇلمانلىرى 1913 - يىلىغىچە جەڭ قىلدى.