Uyghur主要词典
ئاتماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قولىدىكى نەرسىنى قولدىن نېرىغا كەتكۈزمەك.
«جىغىماق» قەشقەر شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
توپقا قاراپ تاش ئاتما. تاش ئاتقانغا ئاش ئات. ئاچلىقتىن ئۆلسەڭ ئۆل، ئاتا - ئاناڭنى تاشلىما. توپنى ماڭا چۆرۈ. تاشنى ئىرغىرىپ ئويناش خەتەرلىك.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① نىشانغا ئوق ئاتماق؛ ② ئۇرماق، دۇمبالىماق؛ ③ ئېتىلىپ چىقماق، ئاۋاز چىقارماق؛ ④ تاڭ ئاتماق، تاڭ سۈزۈلمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قولدىكى نەرسىنى شىلتىپ يىراققا ياكى مۆلچەرلەنگەن يەرگە تاشلىماق؛ ئىرغىتماق.
توپقا قاراپ تاش ئاتما (ماقال).
تاش ئاتقانغا قاش ئات (ماقال).
شىددەت بىلەن بىر يەرگە تاشلانماق.
ئېسەدەپ يىغلاۋاتقان مەريەم <ئاكا> دېگىنىچە زاكىرجاننىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى.
ئۇنىڭ ئاتقا مۇشتى تەگمىدى.
كۆچمە. چىقارماق، يايماق، ئېچىلماق: چېچەك ئاتماق.
تىتماق، پارچىلىماق.
پاختا ئاتماق. يۇڭ ئاتماق.
ئالتە ئاي ئاتقان پاختام بىر چاپانغا يەتمەپتۇ (ماقال).
پارتلاتماق.
تاغ ئاتماق. پوجاڭزا ئاتماق.
كۈچ بىلەن ئىتتىرىپ چىقارماق. ئۆرلىمەك.
قادىر دولقۇنلار ئۈستىگە دولقۇنلار ئېتىپ ئېقىۋاتقان دەريا بويىغا قاراپ ماڭدى.
بىرەر قورال ۋاستىسى ئارقىلىق ئوق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى چىقارماق. ئۈزمەك.
ئاتالمىغاننىڭ ئوقى ئالتە غۇلاچ كېتەر (ماقال).
بىرەر قورال ۋاستىسى ئارقىلىق يارىلاندۇرماق، ئۆلتۈرمەك.
ئاتىسى ئاتمىغان قوڭغۇزنى، بالىسى ئېتىپتۇ توڭگۇزنى (ماقال).
دادامنى ئۇلار ئېتىۋەتكەن.
مىدىرلاتماق، ئويناتماق.
ئالمىلىق باغقا كىرىپ، ئالما ئاتقان قارا كۆز، تال چىۋىقتەك ئېگىلىپ، قاشنى ئاتقان قارا كۆز.
يورۇماق، سۈزۈلمەك.
قادىر يېتىپ ئىككى سائەتتىن كېيىن تاڭ ئاتتى.