Uyghur←Chinese主要词典
ئاتىلىق
بىئولوگىيە
雄蕊
xióngruǐ
گۈلنى تۈزگۈچى قىسىملارنىڭ بىرى بولۇپ، گۈلتاجىنىڭ ئىچىگە، ئانىلىقنىڭ سىرتىغا جايلاشقان، چاڭ ھاسىل قىلىدىغان ھالەت ئۆزگەرتكەن يوپۇرماق (كىچىك سپورىلىق يوپۇرماق). بىر گۈلدىكى ئاتىلىقلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئاتىلىق توپى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئاتىلىق يىپى بىلەن چاڭداندىن تۈزۈلىدۇ. ئاتىلىق يىپى ئىنچىكە ئۇزۇن ساپ بولۇپ، چاڭداننى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ۋە ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. چاڭدان ئاتىلىقنىڭ چوققىسىدىكى چوڭايغان قىسىم بولۇپ، ئىچىدە چاڭ بولىدۇ. ئاتىلىقنىڭ سانى، ئاتىلىق يىپىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى، ئاتىلىق يىپى ياكى چاڭداننىڭ ئايرىلىپ ياكى بىرىككەن ھالەتتە بولۇشى، چاڭداننىڭ ئاتىلىق يىپى ئۈستىدىكى ئۆسۈش ئەھۋالى، چاڭداننىڭ خانە سانى قاتارلىق مورفولوگىيىلىك ئالامەتلەر ئۆسۈملۈكلەرنى باھالاپ بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ. مەسىلەن، كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەردە ئالتە تال ئاتىلىق بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىككى تېلىنىڭ ئاتىلىق يىپى بىر ئاز قىسقا، تۆت تېلىنىڭ بىر ئاز ئۇزۇن بولۇپ، تۆتى كۈچلۈك ئاتىلىق دەپ ئاتىلىدۇ. كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى بىلەن چۇقان ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەردە تۆت تال ئاتىلىق بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىككىسى ئۇزۇن، ئىككىسى قىسقا بولىدۇ، بۇ ئىككىسى كۈچلۈك ئاتىلىق دەپ ئاتىلىدۇ. كېۋەز ۋە تاۋۇزدەك چاتقىلىنىڭ ئاتىلىقى كۆپ بولۇپ، ئاتىلىق يىپلىرى ئۆز ئارا بىرىكىپ نەيسىمان تۈزۈلۈشنى ھاسىل قىلغان بولىدۇ، بۇ، بىر گەۋدىلىك ئاتىلىق دەپ ئاتىلىدۇ. پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەردە ئون تال ئاتىلىق بولۇپ، توققۇزىنىڭ ئاتىلىق يىپى بىرىككەن، بىرى ئايرىم بولىدۇ، بۇ ئىككى گەۋدىلىك ئاتىلىق دەپ ئاتىلىدۇ، سېرىق چاي ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاتىلىق يىپلىرى بىرىكىپ ئۈچ باغلامدىن ئارتۇق ئاتىلىق يىپ باغلىمىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، كۆپ گەۋدىلىك ئاتىلىق دەپ ئاتىلىدۇ. ئاپتاپپەرەس ۋە مامكاپنىڭ ئاتىلىقىدا چاڭدانلار ئۆز ئارا بىرىكىپ كەتكەن بولىدۇ، بۇ چاڭدىنى بىرلەشكەن ئاتىلىق دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاتىلىقىنىڭ بىر قىسمى ياكى ھەممىسى گۈلتاجى ياپراقچىسىدا ئايلىنىپ قات - قات گۈل ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن، شاپتۇل، نورۇز گۈل قاتارلىق مەنزىرە ئۆسۈملۈكلىرى.
ئۇنىۋېرسال
(سۈپ)
fù qīn de
父亲的
ئورمانچىلىق,يېزا ئىگىلىك
父本
fù běnDئۇنىۋېرسال
雄蕊
xióng ruǐDئۆسۈملۈك
雄蕊
xióng ruǐDدېھقانچىلىق
雄蕊
xióng ruǐ