Uyghur主要词典
ئاتا ئانا ئورنىدا ۋارىسلىق قىلىش
领域: ئىسلام ئاتالغۇلىرىبۇ سۆز ئەرەبچە <تەنزىل> دېيىلىپ، ئالدىنقى رەتتىكى ۋارىسنىڭ ۋارىسلىقى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتسە ياكى ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئۇ ئالىدىغان مىراس نېسىۋىسىگە قانداش بىۋاسىتە تۇغقانلارنىڭ ۋاكالىتەن ئىگە بولۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئەنئەنە جەھەتتە شەرىئەت بۇنداق ئۆزگىرىش پرىنسىپىنى ئىنكار قىلىدۇ. يېقىنقى زاماندا شەرىئەت ئىسلاھاتى ئارقىلىق، ئاز ساندىكى دۆلەتلەر (مەسىلەن، پاكىستان، مىسىر، تۇنىس قاتارلىقلار) نىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىدا چەكلىك ئېتىراپ قىلىندى. يېتىم نەۋرە پەرزەنتلەر ئاتا - ئانىسىنىڭ نامىدا بوۋىسى، مومىسىنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىندى.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。