Uyghur←Chinese主要词典
ئاتاخۇئالپا
دۇنيا تارىخى
阿塔瓦尔帕
ā tǎ wǎ ěr pà
(؟ - 1533) ئىنكا ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى. ئىنكا پادىشاھى خۇئاينا كاپاكنىڭ نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسى. 1525-يىلى ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن كىتو پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان، چوڭ خوتۇندىن تۇغۇلغان قېرىندىشى خۇئاسكار ئىنكا ئىمپېرىيىسىنىڭ باشقا زېمىنلىرىغا ئىگە بولغان. 1532-يىلى ئىچكى ئۇرۇش قوزغاپ، خۇيئاسكارنى مەغلۇپ قىلىپ ھەم ئۇنى قاماپ قويۇپ، ئۆزى ئىنكانىڭ پادىشاھى بولغان. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى پېرۇنىڭ شىمالىي قىسمىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىسى پىزاررو بىلەن كاجاماركادا ئۇچۇراشقاندا قىلتاققا چۈشۈپ قولغا ئېلىنغان. كېيىن كۆپلىگەن ئالتۇن بىلەن ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان ھەمدە مەخپىي بۇيرۇق بېرىپ خۇئاسكارنى ئۆلتۈرگەن. كېيىن، ئاتاخۇئالپامۇ ئىسپانىيىگە قارشى تۇرۇشنى قەستلىگەن دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىككىنچى يىلى ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.