Uyghur主要词典
ئاتاقلىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت («ئات» گە سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە «لىق» قوشۇلغان).
ئاتقا ئىگە، ئېتى بار.
بىر ۋاقىتلاردا ئېشەككە زار ئىدىم، ھازىر ئاتلىق بولۇپ قالدىم.
2 . سۈپەت. ئات قوشۇلغان. ئىككى ئاتلىق ھارۋىدا كەلدىم.
3 . سۈپەت. ئات مىنگەن. ئاتلىق ئەسكەرلەر ئاتقا ئات قويىدۇ.
4 . رەۋىش. ئات مىنىپ، ئات مىنگەن ھالدا، ئات بىلەن. ئاتلىق يۈرۈپ گۈل كۆرمەك. * ئاتلىق كەلگەنىدىم، ئېتىمغا قاراپ قويۇڭ.
5 . ئىسىملاشقان سۈپەت. ئات مىنگەن كىشى. ئاتلىق پىيادىنىڭ ھالىغا يەتمەس (ماقال).
6 . ئىسىم. ئاتقا خاس خۇسۇسىيەت. ئاتنىڭ ئاتلىقى بار، ناۋاتنىڭ تاتلىقى بار (ماقال).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نام - ئاتىقى چىققان، نام - ئاتاق قازانغان.
ئاتاقلىق ئەدىب لۇشۈن. داڭلىق ياش ناخشىچىمىز دىلبەريۇنۇس بىزگە شان - شۆھرەت كەلتۈردى. نامدار يىگىت نامىنى قوغدايدۇ. جاھانغا مەشھۇر ئالىملار خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئاتىقى بار، نامى، داڭقى چىققان؛ مەشھۇر، نامدار.
- مەن باغدادلىقمەن، - دەپ باشلىدى ئۇ سۆزىنى، - ئاتام باغدادنىڭ ئاتاقلىق كىشىلىرىدىن ئىدى.