Uyghur主要词典
ئاتⅠ
ئاتⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① توم تۇياقلىقلارغا مەنسۇپ سۈت ئەمگۈچى يىرىك ئىش ھايۋىنى. گۆشىنى ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. تەبىئىتى 2-دەرىجىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇق ئىسسىق. مىزاجنى تەڭشەش، ھارارەتنى كۈچەيتىش، قۇۋۋەتلەش، تېرە رەڭگىنى چىرايلىقلاشتۇرۇش، مۇپاسىل، لەقۋا، رەئىشە، بۇۋاسىر، ئۈچەي يىرىڭلىق جاراھىتى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ. ئانار سۈيى قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ. ئاتنىڭ قېرىن ۋە ئۈچەي يوللىرىدىن چىققان تاشنى دورا سۈپىتىدە ئىشتىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى 2-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. زەھەر قايتۇرۇش، بەلغەم بوشىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، تۇتقاقلىق، قان تۈكۈرۈش ۋە قۇسۇش، غەلۋىرەك قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.:[مىسال:] يېيىشلىك ئات ھارماس (ماقال). * قېرىغاندا ئات تېزىكى ئالتۇن كۆرۈنەر (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئاتنىڭ بېشىغا ئوخشىتىپ ياسالغان شاھمات ئۇرۇقى:[مىسال:] ئاتنى ماڭماق.[يەشمىسى:] ③ ئون ئىككى مۆچەلدە يەتتىنچى يىلنىڭ نامى:[مىسال:] ئۇ ئات يىللىق.