Uyghur←Chinese主要词典
ئاستۇرىياس قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
阿斯土里亚斯起义
ā sī tǔ lǐ yà sī qǐ yì
ئىسپانىيە ئىشچىلىرىنىڭ فاشىستلارغا قارشى قوراللىق قوزغىلىڭى. ئاستۇرىياس ئىسپانىيىىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىردە ئۇزاق ۋاقىت مۇستەقىل بولغان، تارىخىي ئەنئەنىگە ئىگە. 1934-يىل 10-ئاينىڭ 4-كۈنى كوممۇنىستلار، سوتسىيالىستلار ۋە ئانارخوسىندىكالىستلار تەشكىللىگەن بىرلىك سەپنىڭ رەھبەرلىكىدە، شۇ جايدىكى كان ئىشچىلىرى ئومۇمىي ئىش تاشلىغان. ئەتىسى ئىش تاشلاش كاتالونىيە، ۋالېنسىيە، لېيىئون قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيگەن. قوزغىلاڭچىلار ئاستۇرىياسنىڭ مەركىزىي ئوۋېيدونى ئىشغال قىلىپ، ئىشچى - دېھقانلار ئىنقىلابىي ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمەت قوشۇن توپلاپ، 10-ئاينىڭ 10-كۈنى قوزغىلاڭنى دەھشەتلىك باستۇرۇپ، تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىنى تۈرمىگە سولىغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ 1936-يىلى خەلق فرونتىنى قۇرۇش ئۈچۈن شەرت - شارائىت يارىتپ بەرگەن.