Uyghur←Chinese主要词典
ئاستراخان قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
阿斯特罕起义
ā sī tè han qǐ yì
1705 - 1706-يىللىرى ئاستراخان خەلقى روسىيە فېئودال ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان قوزغىلاڭ. ئاستراخانا ئەسلىدە ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى تاتار خانلىقى ئىدى. 1556-يىلى ئىۋان Ⅳ تەرىپىدىن قوراللىق بېسىۋېلىنغان. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ⅩⅧ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى ئون يىلىدا باقى - سېلىقنىڭ ئېغىرلىشىشىغا، ھاشارنىڭ كۆپىيىشىگە خەلق چىداپ تۇرالماي، ھەر قايسى جايلاردا ئارقا - ئارقىدىن قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 1705-يىلى ئاستراخاننىڭ گوپىرناتورى ژېۋسكې زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىپ، خەلق ئۈستىدىكى باج - سېلىق ۋە ھەربىي خىزمەتنى خالىغانچە ئېغىرلىتىپ، كۈچلۈك قارشىلىق قوزغىغان 7-ئاينىڭ 30-كۈنى كېچىسى ئاستراخاندىكى شەھەر كەمبەغەللىرى، ئىشچىلار، ئەسكەرلەر ۋە مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە تېزلىكتە روسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كەڭ رايونلارغا كېڭىيىپ، ئاسترخان ۋە باشقا نۇرغۇن شەھەرلەرنى ئىشغال قىلغان. بەزى باي سودىگەرلەر سودىدا توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقتىن قوزغىلاڭغا قارشى تۇرغان. ئىككىنچى يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى روسىيە قوشۇنى بايلارنىڭ ۋە سودىگەرلەرنىڭ قوللىشى ۋە ماسلىشىشى ئارقىسىدا بۇ قوزغىلاڭنى دەھشەتلىك باستۇرۇپ، نەچچە يۈز قوزغىلاڭچىنى ئۆلتۈرگەن، قالغانلىرىنى سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلغان.