Uyghur←Chinese主要词典
ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان
تۇراقلىق ئىبارىلەر
不怕慢,就怕站
bú pà màn ,jiù pà zhàn
بۇ، (1) ئادەم ئالدىراپ، تېز مېڭىپ، يېرىم يولدا ھېرىپ توختاپ قالغاندىن كۆرە، ئاستا بولسىمۇ، توختىماي ماڭسا سەپىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ؛ (2) كۆچمە. ئادەم ھەر قانداق بىر ئىشنى باشلىغاندا غەيرەتلىك، ئىرادىلىك بولۇپ، ئشەنچىنى بوشاشتۇرماي، ئاخىرغا قەدەر بەرداشلىق بېرىپ داۋاملاشتۇرغاندىلا نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ، دېگەن مەنىنى بىلىدۈرىدۇ.
ماقال - تەمسىل
ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان
不怕慢,只怕站
bú pà màn ,zhǐ pà zhàn