Uyghur主要词典
ئاسماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسىنى تېگى يەرگە تەگمەيدىغان قىلىپ باغلىماق.
ئۆچكىنى ئۆز ئايىغى بىلەن ئاسار. ھەممىنى بىر ئىلگەككە ئىلمە.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كۆپەيمەك، ئاشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئالما، نەشپۈت، جىگدە، ئۈزۈم. قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ مېۋىلىگەن جايى بىلەن مېۋىسىنىڭ تۇتىشىدىغان قىسمى ياكى ساپىقى.
مېۋە ئاسىدىغان ئاسقۇ.
بىر ئۈچكىدە يېتىلگەن قوش مېغىز بولدى، بىر ئاسماققا ئېسىلغان قوش ئالما بولدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر نەرسىنى ئاستى يەرگە تەگمەيدىغان ھالەتتە باغلىماق، ئىلماق، ساڭگىلاتماق؛ بېكىتمەك، ئورۇنلاشتۇرماق.
مارجان ئاسماق. قىلىچ ئاسماق. مىلتىق ئاسماق.
ئۆچكىنى ئۆز ئايىغى بىلەن ئاسار (ماقال).
كۆچمە. بوينىغا سىرتماق سېلىپ ئۆلتۈرمەك.
دارغا ئاسماق.
ماشىنىچى ھاكىمغا: <جوھوتنى ئازاد قىلىڭ، ئۇنىڭ ئورنىغا مېنى ئېسىڭ!> دەپتۇ.