Uyghur主要词典
ئاسىيا تىنچ ئوكياندىكى مەسچىتلەر مۇدىرىيىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
رايون خاراكتېرلىك ئىسلام تەشكىلاتى بولۇپ، 1982 - يىلى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى قۇرۇلدى. باش ئورگىنى ھىندونېزىيىنىڭ جاكارتا شەھىرىدە. مەقسىتى: ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا ئىسلام دىنى تەبلىغات پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش، دىنىي ژۇرناللارنى چىقىرىشتىن ئىبارەت. ئەزالىرى ھىندونېزىيە، تۈركىيە، مالايسىيا، پاكىستان، بېنگال، تايلاند، برونېي، سىنگاپور، سىرى - لانكا، فىلىپپىن، مالدىۋې، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. <خەۋەرلىشىش> ئاساسلىق ژۇرنال بولۇپ، ئەرەبچە، مالايچە چىقىرىلىدۇ.