Chinese→Uyghur主要词典
亚述学
ئۇنىۋېرسال
yà shù xué
ئاسسىرىئولوگىيە
Dمائارىپ
yà shù xué
ئاسسىرىئولوگىيە
亚述学(亚述研究)
yà shù xué
ئاسسىرىئولوگىيە
دۇنيا تارىخى
ئاسسۇرىيەشۇناسلىق
<مېسوپوتامىيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مىخ يېزىق ئىشلەتكەن مىللەتلەر (سۇمېرلار، بابىلونلار، ئاسسۇرىيلار، پارسلار، ھىتىتلار، ئېلامىلار ۋە باشقىلار) نىڭ تىلى، يېزىقى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن بولۇپ، شەرقشۇناسلىقنىڭ بىر خىلى ھېسابلىنىدۇ. دەسلەپتىلا ئاسسۇرىيىنىڭ تىلى، يېزىقى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى قېزىپ چىقىش ۋە تەتقىق قىلىشنى ئاساس قىلغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. كېيىنمۇ مۇشۇ بويىچە قوللىنىپ كېلىنگەن. ⅩⅦ ئەسىردە ئىتالىيىلىك پېرترو دېللاۋاللې (1586 - 1652) پېرسېپولس ئوردىسىنىڭ ئويما يېزىق پارچىسىنى ياۋروپاغا ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، مىخ يېزىق كىشىلەرگە تونۇلغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، گېرمانىيىلىك گروتېفېند ئىككى گۇرۇپپا ئويما يېزىققا ئاساسلىنىپ، پارس مىخ يېزىقىدىن 12 ھەرپنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاپ، مىخ يېزىقنى دەلىللەپ چۈشەندۈرۈشكە ئاساس سالغان. كېيىن بىرونوف (0118 - 1852) ۋە لاسسېن (1800 - 1876) تىرىشىشى ئارقىسىدا، مىخ يېزىقنى دەلىللەپ چۈشەندۈرۈش خىزمىتىدە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەش بولغان. 1842-يىلى فرانسىيىلىك بوتتا (1802) 1870( ۋە 1845 - 1851-يىللىرى ئەنگلىيىلىك لايارد )1817 - 1894( ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى موسۇل دېگەن جاينىڭ ئەتراپىدىن ئاسسۇرىيە قەدىمكى خارابىسىنى تېپىپ چىقىپ، سېغىز بەتلىك ھۆججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارغا ئىگە بولغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەنگلىيە ئائىمى راۋالىنسون تاپقان بېخىستون ئويما يېزىقى مىخ يېزىقنى يېشىپ چۈشەندۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان. 1857-يىلى تۆت ئالىم بىر - بىرىگە تايانماستىن ئوخشاش بىر ئويما يېزىقنى يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، ئاساسەن بىردەك بولغان تەرجىمە نۇسخىسىغا ئىگە بولغان، بۇنىڭ بىلەن بۇ يىل ئاسسۇرىيەشۇناسلىقى مەيدانغا كەلگەن يىل دەپ ھېسابلانغان. مىخ يېزىقنى يېشىپ چۈشەندۈرۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاسسۇرىيەشۇناسلىقنى ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىىي قىلدۇرغان.