Uyghur主要词典
ئاشىق بولماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مۇھەببەت قويماق، ئىشىق چۈشمەك.
سۆيمىگەنگە سۈركەلمە، دۈشمەن سۆيگەننى سۆيمە. كۆز مىڭنى كۆرەر، كۆڭۈل بىرنى سۆيەر. ياراتمىغاننى ياقتۇرما. _ مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، _ دېدى يىگىت سەل تىتىرىگەن ئاۋازدا. _ مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن، _ دېدى قىز يەرگە قاراپ تۇرۇپ. بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قالما. ئاشىق بولدۇم ئۆزۈڭگە، قاشىڭ بىلەن كۆزۈڭگە، تەڭ تاپماستىن ئۆزۈمگە، ئەمدى يەتتىم مەقسەتكە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىز - يىگىت بىر - بىرىگە ئىشقىي مۇھەببەت باغلىماق.
قىزىل گۈل ئاراسىدا بويۇڭنى كۆرۈپ قالدىم،
ئەمدى ئېيتىمىسام بولماس، مەن ساڭا كۆيۈپ قالدىم.
ئاشىق بولدۇم ئۆزۈڭگە، قېشىڭ بىلەن كۆزۈڭگە،
تەڭ تاپماستىن ئۆزۈڭگە، ئەمدى يەتتىم مەقسەتكە.