Uyghur主要词典
ئاشلېيى
دۇنيا تارىخى
(1860 - 1927) ئەنگلىيە ئىقتىسادشۇناسى. ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇغان، كانادا تۇرۇنتو داشۆسى، ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئەنگلىيە بىرمىڭھام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋە مۇدىرى بولغان. ئەنگلىيە سانائىتىگە قارىتا قوغدىنىش چېگرا بېجى سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىپ بەزى مۇھىم ئىقتىسادىي تەكشۈرۈش - تەتقىق قىلىش خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. <ئەنگلىيىنىڭ دەسلەپكى يۇڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى تارىخى>، <ئەنگلىيە خەلق ئىگىلىكى تارىخى ۋە ئىقتىسادشۇناسلىققا كىرىش> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.