Uyghur←Chinese主要词典
ئاشىكاگا تاكائودزېي
دۇنيا تارىخى
足利尊氏
zú lì zūn shì
(1205 - 1358) ياپونىيىنىڭ مۇروماچى شوگۇنلۇقىغا ئاساس سالغۇچى. ئەسلى ئىسمى تاكائوجى. مىناموتونىڭ ئەۋلادى. 1333-يىلى كاماكۇرا شوگونلۇقىنىڭ مىكادوگودا ئىگوغا قارشى جازا يۈرۈشىگە قاتناشقان، سەپەر ئۈستىدە لەشكەر تارىپ چىقىپ خوجىدار خوقوتاكاتوكىغا ئاسىيلىق قىلىپ، كاماكۇرا شوگۇنلۇقىنىڭ كىيوتودا تەسىس قىلغان تىزگىنلەش ئورگىنى - <روكۇخارا (ئالتە پىرقە) سىنى يوقاتقان. تېننو گودائىگونىڭ ئىسمى تاكائۇخارو بولۇپ، ئاشىكاگا تاكائۇئودىنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن تېننو ئۇنىڭغا تاكا ئودزېي دېگەن ھۆرمەت نامىنى ئىنئام قىلغان. شۇنىڭدىن تارتىپ تاكائودزېي (ھۆرمەتلىك جاناپ مەنىسىدە) دەپ ئاتالغان. 1335-يىلى خوجو تاكىيوكىنى مەغلۇپ قىلىپ، كاماكۇرانى ئالغان. تېننوگودا ئىگوغا قارشى چىققانلىقىنى ئاشكارا جاكارلاپ، 1336-يىلى كىيوتونى بېسىۋالغان. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي، نىئوتا يوشىسادا كوسۇكى ماساشىگېي تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن كىيوسىيو ئارىلىغا قېچىپ كەتكەن؛ كېيىن يەنە لەشكەر تارتىپ كىيوتوغا ھۇجۇم قىلغان. مىناتوگاۋا بىرلەشمە جېڭىدە، كۇسۇكىماساشېگېينى مەغلۇپ قىلىپ كىيوتونى تارتىۋالغان، كۆميئۆنى تېننو قىلىپ تىكلىگەن. >كېنتاكىشى قانۇن ئاساسلىرى< نى تۈزۈپ چىققان. 1338-يىلدىن تارتىپ ئۆزىنى >ياۋلارغا جازا يۈرۈش قىلغۇچى باش سىياگۇن< دەپ ئاتىغان كىيوتونىڭ مۇراماچىدا شوگۇنلۇق قۇرغان. شىمالىي - جەنۇبى سۇيلالىلەر قارىمۇ قارشى تۇرغان، گاھ جەنۇب سۇلالىسى بىلەن بىرلەشكەن. 1352-يىلى بىر قورساق ئىنىسى ئاشىكاگا كېيوشىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. كېيىن كېيوشىنىڭ ئوغلى كېيوفويونىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا كېسەل بولۇپ ئۆلگەن.