Uyghur←Chinese主要词典
ئاساسىي قانۇنلۇق يېڭىلىق پارتىيىسى
领域: دۇنيا تارىخى立宪改进党
lì xiàn gǎi jìn dǎng
ياپونىيىدىكى ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى دەۋرىدىكى بۇرژۇئا پارتىيىسى. 8821-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان. پارتىيىنىڭ لېدىرى ئوكاماشىگېنوبۇ، مۇئاۋىن لېدىرى كونوتوگاما (1844 - 1895). مىتسۇبىشى قاتارلىق چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ ۋە يەرلىك شەھەر بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان؛ ئەنگلىيىچە پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاستا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىسلاھاتچىلىقنى تەكىتلىگەن. خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئوكاما، كونو قاتارلىق كىشىلەر پارتىيە قۇرۇلۇپ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن پارتىيىدىن ئايرىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ پارتىيە دۆلەت ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنى جېنىنىڭ بارىچە كۆككە كۆتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ جۇڭگو ۋە چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىشىنى قوللىغان. 1896-يىلى 3-ئايدا ئاساسىي قانۇنلۇق ئىسلاھات پارتىيىسى قاتارلىق پارتىيە - گۇرۇھلار بىلەن بىرلىشىپ تەرەققىيات پارتىيىسىنى قۇرغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。