Uyghur主要词典
ئاساسىي باش تېما ۋە قوشۇمچە باش تېما
领域: ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرىبەزى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئىجتىمائىي تۇرمۇش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، تەسۋىرلەش، سۈرەتلەش كارتىنىسى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. مۇرەككەپ، چىگىش ۋەقەلىكلەر قاتمۇ قات گىرەلىشىپ كەتكەن، پېرسوناژلىرىمۇ نۇرغۇن بولىدۇ. مۇنداق ئەسەرلەرنىڭ باش تېمىسى بىرلا بولماسلىقى مۇمكىن. ئوبراز، كۆرۈنۈش، ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى بولغان مەركىزىي ئىدىيە، كۆرسىتىپ بېرىلگەن ئاساسىي مەسىلە ئاساسىي باش تېما بولىدۇ. يازغۇچىنىڭ ئەسەردىكى مۇناسىۋەتلىك باشقا ئاساسىي تەرەپلەرگە قارىتىلغان ھۆكۈم ۋە باھاسى، چۈشەندۈرۈشلىرى ھەمدە مەركىزىي ئىدىيىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك باشقا مەلۇم ئىدىيە قوشۇمچە باش تېما بولىدۇ.
قوشۇمچە باش تېما ئاساسىي باش تېمىنى كېڭەيتىدۇ ۋە تولۇقلايدۇ، شۇنداقلا ئاساسىي باش تېمىنى كۈچەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مەسىلەن: ماۋدۈننىڭ <تۈن يانغاندا> رومانى 30 - يىللارنىڭ بېشىدىكى جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى كەڭ كۆلەمدە تەسۋىرلەپ، جۇڭگونىڭ كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىيات يولىغا ماڭالمىغانلىقىنى، ئەكسىنچە جاھانگىرلىكنىڭ زۇلمى ئاستىدا تېخىمۇ مۇستەملىكىلىشىپ كەتكەنلىكىدەك بۇ مەركىزىي ئىدىيىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئاپتور يەنە مۇرەككەپ، چىگىش سىنىپىي زىددىيەتلەرنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئىشچى، دېھقانلار ئىنقىلابىي دولقۇنى ساقلانغىلى بولمايدىغان تېزلىك بىلەن كۆتۈرۈلىدىغانلىقىدەك بۇ بىر ئىدىيىنى چۈشەندۈرىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەركىزىي ئىدىيە ئاساسىي باش تېما، كېيىنكى ئىدىيە بولسا قوشۇمچە باش تېمىدۇر.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。