Uyghur←Chinese主要词典
ئاسانتى بىرلەشمىسى
دۇنيا تارىخى
阿散蒂联邦
ā sàn dì lián bāng
گانانىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىدىكى ئاكان پادىشاھلىقى. ئاسانتى ئەسلى دېنكېرا قەبىلىسىگە تەۋە بولغان. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا يېقىن ئەتراپتىكى قەبىلىلەر بىرلەشمە تەشكىل قىلىپ، كىۋامان (كېيىن كۇماسىگە ئۆزگەرتىلگەن) نى پايتەخت قىلغان، ئوسىي تۇتۇ (تەخمىنەن 1697 - 1731-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە دورما ۋەتافونى بويسۇندۇرۇپ، دېنكېرانى مەغلۇپ قىلىپ، ئاكاتلارنىڭ كۈچلۈك دۆلىتىگە ئايلانغان. ئاسانتى پادىشاھى ئالىي ئامانخېن بولۇپ، بىرلەشمىنىڭ سىياسىي ۋە مەنىۋى داھىيسى بولغان. ھەر قايسى قەبىلىلەرنىڭ ئامانخېنلىرى ئاسانتى بىرلەشمىسى قەبىلە باشلىقلىرى كېڭىشىگە قاتناشقان، ئەزالار باراۋەر بولۇپ، ئاسانتى پادىشاھى ئۇلارنىڭ يەر ۋە مال - مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقسىز بولغان، لېكىن ئۇلار پادىشاھقا سادىق بولىدىغانلىققا قەسەم بېرىشنى، ئولپان تاپشۇرۇشى، سودا - سېتىق قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشى، ئۇرۇش مەزگىلىدە قوشۇن يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك بولغان. 1805-يىلى ئاسسىن قەبىلىسىنىڭ ئىككى باشلىقى فانتى قەبىلىسىگە قېچىپ بارغان، فانتى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھىمايىسىگە تايىنىپ، ئۇلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەت قىلىپ، ئاسانتى ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان. فانتى ئارمىيىسى ۋە ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەغلۇپ بولغان، ئەنگلىيە فانتىنىڭ ئاسانتى بىرلەشمىسىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. 100 يىلغا يېقىن ئەنگلىيىگە قاراشىلىق كۆرسىتىش كۈرىشىدىن كېيىن، 1896-يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1902-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەنگلىيىگە قاراشلىق ئالتۇن قىرغاققا رەسمىي قوشۇۋېتىلگەن. 1935-يىلى گاناخەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش كرىشى ئەۋج ئالغان ۋەزىيەت ئاستىدا، ئەنگلىيە ئاسانتى بىرلەشمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغان، لېكىن ئۇ يەنىلا ئەنگلىيىگە قاراشلىق ئالتۇن قىرغاقنىڭ بىر مەمۇرىي رايونى بولغان.