Uyghur←Chinese主要词典
ئارىئول
دۇنيا تارىخى
阿里奥尔
ā lǐ ào ěr
(1884 -) 1966( فرانسىيە زۇڭتۇڭى )1947 - 1954(. سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن. تۇلۇزا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1914-يىلدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1919 - 1939-يىللىرى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى پارلامېنت ئەزالىرى ئۆمىكىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1936 - 1937-يىللىرى مالىيە مىنىستىرى بولغان. 1937 - 1938-يىللىرى ئەدلىيە مىنىستىرى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، 1940-يىلى 7-ئايدا ھاكىمىيەتنى ئانرى پېتەنگە بېرىشكە قارشى تۇرغان، كېيىن ئەنگلىيىگە قېىچپ كەتكەن. 1943-يىلى «جەڭگىۋار فرانسىيە» ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1945 - 1946-يىللىرى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتتە بەلگىسىز مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرى بولغان. ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىنىڭ باشلىقى )1945 - 1946( ۋە مىللىي پارلامېنتنىڭ باشلىقى )1946 - 1947( بولغان. زۇڭتۇڭ بولغان ۋاقتىدا، 1949-يىلى «ئارىئول - باۋداي كېلىشىمى» نى ئىمزالىغان. ئىچكى جەھەتتە مۆتىدىل ۋە ئوتتۇرا لۇشيەن سىياسىتىنى تەشەببۇس قىلغان. «تۈنۈگۈن ۋە ئەتە»، « يەتتە يىللىق خاتىرە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.