Uyghur主要词典
ئارخىمېد
مەشھۇر شەخسلەر
پىشاڭ پرىنسىپىنى ئەڭ دەسلەپتە قـەدىـمـىـي يـۇنـانـىستانلـىـق ئارخـىـمـېـد (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى287 −212 ) بايقىغـان. بـۇ پـرىـنـسـىـپ بـارلـىـق مېخانىكىلىق لايىھىلەش − ياسـاشـنـىـڭ ئاسـاسـى بـولـۇپ، ئىـنـسـانلارنـىـڭ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تۇرمۇشىدا سانسىزلىغان مۆجىزىلەرنى ياراتتى، ئارخىـمـېد پادىشاھقا پىشاڭنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئىـشـەنـچ بىلەن مۇنداق دەيدۇ: »ئەگەر ماڭا بىر تايىنىش نۇقتـىـسـى بـېـرىـلـسـە، يـەر شارىنى ئورنىدىن قوزغىتىۋېتەلەيمەن!«. ئەلۋەتتە، بۇنداق تايىنىش نۇقتىسـى ۋە پىشاڭنى تاپقىلى بولمايدۇ، بىراق، ئارخىمېد پىشـاڭ پـرىنـسـىپىدىـن پايدىلىنىپ، پادىشاھقا زور قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ.
پادىشاھ ئىنتايىن يوغان بىر كېمە ياسىتىدۇ، لېـكـىـن، ئۇنى سۇغا چۈشۈرۈشنىڭ چارىسىنى تاپالمايدۇ. ئارخىمېد ناھايىتـى ئاز كۈچ بىلەنلا ئىنتايىن ئېغىر نەرسىلەرنى سۆرىگىلى بولىدىغـان بـىـر يۈرۈش پىشاڭ − غالتەك سىستېمىسىنى لايىھىلەپ يـاسـاپ چـىـقـىـدۇ. ھەمـمـە تـەل بولغاندىن كېيىن، ئارخىمىد ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى پادىشاھقـا تۇتقـۇزۇپ، ئۇنىڭغا تارتىشنى ئېيتىدۇ. پادىشاھ ئارغامچىنـى قـولـىغـا ئېـلىـپ شـۇنـداق تارتىشىغىلا، كېمە مۆجىزە كەبى ئاستا - ئاستا تەۋرىنىپ، ئاخىرى سـۇغـا چۈشىدۇ. كىشىلەر بۇنىڭدىن ھەيران قالىدۇ، ئارخىمېدنىڭ نامى نـاھايـىـتـى تېزلا جايلارغا تارىلىدۇ، ئۇنىڭ ئەشۇ ئۆزىگە ئىشەنگەن ھېكمەتلىـك سـۆزى تا ھازىرغىچە يېتىپ كەلگەن.
ئارخىمېد − قەدىمكى يۇنانىستانلىق ئۇلۇغ ماتېماتىـك، فـىـزىـك، تـالانـتـلـىـق كەشپىياتچى. ئۇ فىزىكىدا پىشاڭ قائىدىسىدىن باشقا، لەيلىتىش كۈچى قانۇنىنىمۇ بايقىغان، ئۇ − ستاتىكىنىـڭ ئاساسـچـىـسـى، ئاقـار جىسىملار ستاتىكىسىنىڭ ئىجاد قىلغۇچىسى. ئۇ بۇرمىسىمـان سـۇ تـارتىش ئەسۋابى، تاش ئېتىش ئەسۋابى قاتارلـىـق كـۆپ خـىـل مـېـخـانـىـكـىـلـىـق قۇرۇلمىلارنى كەشىپ قىلغان.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قەدىمكى يۇنانىستان پـادىـشـاھى ئىـنـتـايـىـن نـەپـىـس ئىشلەنگەن ئالتۇن تاجغا ئېرىشىدۇ، پادىشاھ زەرگەردىن بۇنىڭغا ساختىلىـق ئىشلەتتىمىكىن دەپ گۇمانلىنىدۇ، بىراق جەزم قىلالمىـغـاچـقـا، بـۇ قـىـيـىـن مەسىلىسىنى ياش ئالىم ئارخىمېدقا تاپشۇرىدۇ. ئارخىمېـد كـېـچـە - كـۈنـدۈز مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىدۇ. بىر كۈنى ئۇ يۇيۇنۇشقا بارغـانـدا، داسـقـا لىق قۇيۇلغان سۇ ئۇنىڭ چۈشۈشى بىلەنلا تېشىپ چىقىدۇ، ئۇ خۇشاللىقـىـدا يالىڭاچ پېتى كوچىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ: «تاپتىـم! تـاپـتـىـم!» دەپ تـوۋلاپ كېتىدۇ، ئەسلىدە ئۇ داسقا پۇتىنى سالغان ئاشۇ دەقىقىدە ئۆزىنىـڭ قـىـيـىـن مەسىلىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن تەبىئەت دۇنياسىنىڭ قانۇنىيەتنى تەيـيـارلاپ قويغانلىقىنى توساتتىن ھېس قىلىدۇ. ئۇ كۆزىتىشكە، مۇلاھىـزە قـىـلـىـشـقـا ماھىر ھەمدە نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتـنـى بـىـرلـەشـتـۈرۈشـكـە ئەھمـىـيـەت بېرىدىغان ئالىم ئىدى. ئۇ مۇشۇ ھادىسىنى تۇتۇپ، جىسىمـنـىـڭ قۇرۇلمىسى مەيلى قانچە مۇرەككەپ بولسۇن، ئۇ سۇغـا تـولـۇق چـۆكـكـەنـدە تېشىپ چىققان سۇ دەل ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ھەجمىگە تەڭ بولـىـدۇ، دېـگـەنـنـى تەجرىبە بىلەن ئىسپاتلايدۇ. ئۇ مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن تەجرىبە ئىشلەپ، تاجغا ساختىلىـق ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئارخىمېد مېخانىكىدىكى مۇھىم بولغان »لەيلىتىش كۈچى پرىنسىپى« نى مانا مۇشۇنداق بـايـقـايـدۇ، كىشىلەر ئۇنىڭ ئىلىم - پەنگە قوشقان تۆھپىسىنى مەدھىيىلەش ئۈچۈن، بـۇ قانۇننى »ئارخىمېد قانۇنى« دەپ ئاتايدۇ.
ئارخىمېد پۈتۈن ئۆمرىنى ئىلىم - پەنگە بېغىـشلايـدۇ. مـىلادىـيـىـدىـن ئىلگىرىكى212 - يىلى، رىم قوشۇنى سىراكۇرانى ئىشغال قىلىـدۇ. بـىـر تـوپ ئەسكەر ئارخىمېدنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىدۇ، ئارخىمېد ئارقا ھويلىسـىـدا گېئومېتىرىك شەكىللەرنى سـىزىـش بـىلەن ئالـدىراش بولغاچقـا، دۈشمەننى ئەيىبلەپ: »توختاپ تۇرۇڭلار، سخېمىلىرىمنى دەسسىۋەتمەڭلار« دەيدۇ. نادان ئەسكەرلەر ئۇزۇن نەيزىسىـنـى60 يـاشـتـىـن ئاشـقـان مـۇشۇ ئالىمنىڭ كۆكرىكىگە ۋەھشىيلەرچە سانجىيدۇ.
پاراسەتلىك ئارخىمېد پىشاڭ ئارقىلىق يەر شارىنى قـوزغـىـتـالـمـىـغـان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بايقاشلىـرى ۋە ئۇنـىـڭ روھى دەرۋەقـە پـۈتـۈن يـەر شارى ئىلىم - پېنى ۋە جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 287 - 212) قەدىمكى يۇناننىڭ ماتېماتىكا، فىزىكا، ئاسترونومىيە ئالىمى. فىدىياسنىڭ ئوغلى. سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى چوڭ شەھەر سىراكۇزدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا مىسىرنى ساياھەت قىلغان، ئالېكساندرىيىدە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىلىم ئالغان ھەمدە ئاسترونوم كونون، جۇغراپىئون ئېراتوتىسېن قاتارلىق كۆپلىگەن مەشھۇر ئالىملار بىلەن تونۇشقان. ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، سىراكۇز ئوردىسىدا تىران ھېيرو Ⅱ ئۈچۈن ئۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل قوراللارنى لايىھىلەپ بەرگەن ۋە ياساپ بەرگەن. ماتېماتىكا جەھەتتە چەكسىز پارچىلاش مەسىلىسى ۋە تۈز سىزىق بىلەن ئەگرى سىزىقنى سېلىشتۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ، چەمبەر ئايلانمىسىنىڭ تەقرىبىي قىممىتىنى چىقارغان ھەمدە جىسىملارنىڭ سىرتقى يۈزى ۋە ھەجمىنى ھېسابلاش ئۇسۇلىنى بېكىتكەن. ئاسترونومىيە جەھەتتە ئارىستارك (ساموس ئارىلىق) يەر تەۋرەش تەلىماتىنى قوبۇل قىلغان. بولۇپمۇ فىزىكا جەھەتتە تۆھپىسى زور بولۇپ، پىشاڭ قانۇنى ۋە «ئارخىمېدا قانۇنى» (سۇيۇقلۇققا پاتۇرۇلغان جىسىمىنىڭ ئېغىرلىقى، شۇ جىسىم سىقىپ چىقارغان سۇيۇقلۇقنىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ بولىدۇ) نى كەشىپ قىلىپ، ئاقار جىسىملار تەلىماتىغا ئاساس سالغان. ئۇ ئىلمىي قائىدىلەرنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يەر سۇغىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە بۇرمىسىمان سۇ چىقىرىش ناسوسىنى كەشىپ قىلغان. چوڭ كېمىلەرنى ئوڭۇشلۇق سۇغا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە پولىسپاس (غالتەكلىك قۇرۇلما) قاتارلىقلارنى كەشپ قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندائۇ پەخىرلىنىپ تۇرۇپ: «ماڭا دەسسەپ تۇرىدىغان نۇقتا بىلەن تىرەش نۇقتىسى بېرىلىدىغان بولسىلا يەر شارىنى تەتۈر ئايلاندۇراتتىم» دېگەن. ئارخىمېد ۋەتەنپەرۋەر بولۇپ، ئىككىنچى قېتىملىق پونى ئۇرۇشىدا رىم قوشۇنلىرى سىراكۇزغا ھۇجۇم قىلغاندا، ئۇ 200 كىلوگرام كېلىدىغان چوڭ تاشنى ئاتقىلى بولىدىغان پالاخماننى لايىھىلەپ چىققان ۋە جەڭ كېمىلىرىنى سۇدىن كۆتۈرۈپ ئالالايدىغان تۇرنا تۇمشۇقلۇق بىر خىل كىران ياساپ چىققان دېگەن گەپلەرمۇ بار. رىملىقلار ئۇنىڭدىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەپ، سىراكۇز شەھىرىنى ئالغاندىن كېيىن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇنىڭ كۆپ خىل ئەسەرلىرى ھازىرغىچە تارقىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئىنسانىيەت ئىلىم - پەن خەزىنىسىدىكى قىممەتلىك مىراس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.