Uyghur主要词典
ئارۇ دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
ھىندۇنېزىيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. سۇماترا ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. ھىندۇنېزىيىدىكى ئىسلام دىنى ئەڭ بالدۇر تارقالغان رايونلارنىڭ بىرى. ⅩⅣ ئەسىردە مادجايات دۆلىتىگە بېقىنغان. 1411 - 1432-يىللىرى (مىڭ سۇلالىسى يۇڭلېنىڭ 9-يىللىرىدىن 21-يىللىرىغىچە) كۆپ قېتىم جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن. جۇڭگونىڭ دېڭىز ساياھەتچىسى جېڭى خې بۇي يەرگە كەلگەن. ⅩⅥ ئەسىردە يارو دائىم ئاچى دۆلىتى بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇرغان. كېيىن ئاچىنىڭ بېقىندى دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالغان.