Uyghur←Chinese主要词典
ئارتېرىيە قېنى ۋە ۋېنا قېنى
领域: بىئولوگىيە动脉血与静脉血
dòngmàixuèyǔjìngmàixuè
ئارتېرىيە قېنى ئارتېرىيە تومۇرىدا ئېقىۋاتقان قاننى كۆرسەتمەستىن بەلكى قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۆپكە كاپىلليار قان تومۇرىدا ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى بىلەن گاز ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ئوكسېگىن تەركىبى كۆپرەك، كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى تەركىبى ئازراق بولغان، رەڭگى توق قىزىلغا ئۆزگەرگەن قاننى كۆرسىتىدۇ. ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنىڭ كاپىلليار قان تومۇرلىرىدىكى قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئوكسىگېن پارتسىئال بېسىمى ئۆپكە پۈۋەكچىسىدىكى ئوكسىگېن پارتسىئال بېسىمىغا قارىغاندا تۆۋەن، كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى پارتسىئال بېسىمى بولسا ئۆپكە پۈۋەكچىسىنىڭكىگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا ئوكسىگېن ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىدىن قان سۇيۇقلۇقىغا ئۆتىدۇ. كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى بولسا، قان سۇيۇقلۇقىدىن ئۆپكە پۈۋەكچىسىگە ئۆتىدۇ. مۇشۇنداق گاز ئالماشتۇرغاندىن كېيىنكى توق قىزىل رەڭگە ئۆزگەرگەن قان ئارتېرىيە قېنى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆپكە ۋېناسى، يۈرەك سول دالانچىسى، يۈرەك سول قېرىنچىسى ۋە بەدەن ئايلىنىشىدىكى ئارتېرىيە تومۇرلىرىدا ئېقىۋاتقان قانلار ئارتېرىيە قېنى ھېسابلىنىدۇ. ئارتېرىيە قېنى پۈتۈن بەدەندىكى كاپىلليار قان تومۇرلىرىدىن ئېقىپ ئۆتكەندە توقۇلما ھۈجەيرىلىرى بىلەن ماددا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ. توقۇلما ھۈجەيرىلەر مېتابولىزم جەريانىدا ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سەرپ قىلىپ كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى ۋە باشقا مېتابولىزم مەھسۇلاتلىرىنى ھاسىل قىلىپ تۇرغاچقا ئوكسىگېن پارتسىئال بېسىمى تۆۋەن، كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى پارتسىئال بېسىمى يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار ھۈجەيرىگە كىرىدۇ، ھۈجەيرىنىڭ مېتابولىزم مەھسۇلاتلىرى ۋە كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدلار بولسا، قان سۇيۇقلۇقىغا ئۆتىدۇ. شۇنداق ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئارتېرىيە قېنىدىكى ئوكسىگېن ئازراق، كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى تەركىبى كۆپرەك بولغان تۇتۇق (قارامتۇل) قىزىل رەڭلىك قانغا ئۆزگىرىدۇ، بۇ ۋېنا قېنى دەپ ئاتىلىدۇ. بەدەن ئايلىنىشنىڭ ۋېنا تومۇرلىرى، يۈرەك ئوڭ دالانچىسى، يۈرەك ئوڭ قېرىنچىسى ۋە ئۆپكە ئارتېرىيىسىدىكى قانلار ۋېنا قېنى ھېسابلىنىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。