Uyghur←Chinese主要词典
ئارتىگاس
دۇنيا تارىخى
阿蒂加斯
ā dì jiā sī
(1764 - 1850) ئۇراگۋاينىڭ مىللىي قەھرىمانى، مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ داھىيىسى. ھەربىي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. 1797-يىلى ئىسپانىيىنىڭ ئاتلىق ساقچى ئەترىتىدە ئوفىتسېر بولغان، كېيىن ئۇراگۋاي قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ قوماندانى بولغان. 1811-يىلى ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلىپ، 5-ئايدا لاس پىيداراس جېڭىدەمۇستەملىكىچى ئارمىيىنى مەغلۇپ قىلغان. ئىككىنچى يىلى شەرقىي قىرغاقتىكى شتات باندا ئورېنتال (ھازىرقى ئۇرۇگۋاي) نىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى ئىشغال قىلغان. 1815-يىلى مونتېۋىدېئونى ئىشغال قىلىپ، پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت قۇرۇپ، دۆلەت ھامىيسى بولغان. 1816-يىلى پورتۇگالىيە ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزىغا قايتۇرما زەربە بېرىشكە رەھبەرلىك قىلغان. 1820-يىلى تاكۇئارېمبو جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ، قېچىپ كەتكەن ھەمدە پاراگۋايدا ئۆلگەن.
ئۇنىۋېرسال,دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
阿蒂加斯
ā dì jiā sī