Uyghur←Chinese主要词典
ئارىستوتېل
دۇنيا تارىخى
亚里士多德
yà lǐ shì duō dé
(مىلادىدىن ئىلگىرى 384 - 322) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى، مەشھۇر ئالىم. كولخىدا يېرىم ئارىلى (ئېگېي دېڭىزىنىڭ غەربىي شىمالى) دىكى يۇنان مۇستەملىكە شەھىرى ستاگىردا تۇغۇلغان. دادىسىنىكوماكاس ماكېدونىيە پادىشاھىنىڭ خاس دوختۇرى بولغان. ئانىسى فىستۇيە ئېۋبېيە ئارىلىدىكى كولخىلاردىن. بالىلىق دەۋرىدە، تەبىئەت بىلىملىرىگە بولغان قىزىقىشنى يېتىشتۈرگەن، تىبابەتچىلىكنىمۇ ئۆگەنگەن. مىلادىدىن 267 يىل ئىلگىرى ئافىناغا بېرىپ، ئەپلاتون «بىلىم يۇرتى» غا كىرىپ، 20 يىل ئۆگىنىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، ئۇستاز ۋە دوستلىرىنىڭ ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولغان. ئەپلاتون ۋاپات بولغان (مىلاىدىن 347 يىل بۇرۇن) دىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاتانېئو شەھىرىگە بېرىپ، شەھەر پادىشاھىنىڭ جىيەن قىزى پىتىيا بىلەن توي قىلىپ، مىتىلېنىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، مىلادىدىن 342 يىل ئىلگىرى تەكلىپكە بىنائەن ماكېدونىيىگە كېلىپ، شاھزادە ئالېكساندر (كېيىنكى ئىمپېراتور ئالېكساندر) غا ئوقۇتقۇچى بولغان. مىلادىدىن 335 يىل ئىلگىرى ئافىناغا قايتىپ كېلىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي شىمال رايونىدىكى لۇكېئون (ئەسلىدە تەنتەربىيە مەيدانى ئىدى) دا بىلىم يۇرتىنى ئېچىپ، شاگىرت تەربىيىلىگەن. دائىم باغ -( بوستانلىق )يەنە بىر ئېيتىلىشتا ئايلانما كارىدور( دا ئايلىنىپ يۈرۈپ دەرس سۆزلىگەنلىكتىن ئۇنىڭ پەلسەپە ئېقىمىنى پېكىپاتېتىكس ياكى ئەركىن ئىلمىي ئېقىمدىكىلەر دەپ ئاتالغان. ئالېكساندر )شەرققە يۈرۈش قىلىش داۋامىدا( ماددىي ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى ماتېرىيال ۋە خىراجەت بىلەن تەمىنلىگەن، ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنىڭ نۇسخىسىنى يىغىپ بەرگەن ۋە تەجرىبە ئورگانلىرىنى قۇرۇپ بەرگەن. مىلادىدىن 323 يىل ئىلگىرى ئالېكساندر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن يۇنانلىقلارنىڭ ماكېدونىيىگە قارشى ھەرىكىتى يەنە كۆتۈرۈلگەن، ئارىستوتېل ئافىنادا تۇرۇشقا ئامالسىز قېلىپ )«خۇداغا تىل تەگكۈزۈش جىنايىتى» ئۆتكۈزدى دەپ ئەيىبلىنىپ(، كولخىغا كۆچۈپ بېرىپ، ئىككىنچى يىلى كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. شاگىرتى تېئوپراستوس داۋاملىق ھالدا لۇكېئون بىلىم يۇرتىنى باشقۇرغان، ئارىستوتېل زېرەك، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان ئالىم بولۇپ، ھاياتىدا ئەپلاتوندىن خېلى كۆپ تەلىم ئالغان، لېكىن ئۇستازىنىڭ تەلىماتلىرى بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، بىرمۇنچە تەرەپلەردە ئۆزىگە خاس نەتىجىلەرنى ياراتقان. ئۇ پەلسەپە ئىدىيىسى جەھەتتە، ئەپلاتوننىڭ ئىدىيىچىلىكىنى ئىنكار قىلىپ، كونكرېت شەيئىدىن ئايرىلغان «ئىدىيە» ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس، بىلىم ئوبيېكتىپ دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىقلا مەيدانغا كېلىدۇ، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان، ئۇ «ھەقىقەت ئۇستاز )ئەپلاتون( دىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» دېگەن. يەنە ماددا ماتېرىيال بىلەن شەكىلدىن تۈزۈلىدۇ، ئالايلۇق، مەرمەر ھەيكەلنىڭ ماتېرىيالى مەرمەر، شەكلى تەڭرى ئاپوللو بولۇپ، ئىككىسى بىر - بىرىدىن ئايرىلمايدۇ، دەپ ھېسابلىغان، لېكىن ماتېرىيالنى بېقىندى ئورۇنغا قويۇپ، شەكىل ماتېرىيالداىن مۇھىم، شەكىل ئاكتىپ بولىدۇ، ماتېرىيال پاسسىپ بولىدۇ، پەقەت شەكىللا ماتېرىيالنىڭ مۇمكىنلىكىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇ يەنە شەيئىلەرنىڭ ھەرىكىتى ۋە تەرەققىياتىنى «مەقسەتچىلىك ئېنتېلېكېيە تەلىماتى» ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، ئاخىر ئىككى مەنبەچىلىككە پېتىپ قالغان. ئۇنىڭ سىياسىي نۇقتىئىنەزەرى ئاساسىي جەھەتتىن مۆتىدىل دېموكراتلارغا مەنسۇپ بولغان؛ مۇرەسسە - مادارچىلىق ئەخلاقىي قارىشىنى ئاساس قىلىپ، سىياسىي تۈزۈلمىدىكى چېكىدىن ئاشقان ھەرقانداق خاھىشنى ئىنكار قىلغان. «ئىنسان تۇغما سىياسىي )ياكى ئىجتىمائىي( ھايۋان»، ئۇ جەزمەن شەھەر دۆلىتى تۇرمۇشىنى كەچۈرۈشى كېرەك ) «سىياسىي» دېگەن بۇ سۆز «شەھەر دۆلىتى< دىن كەلگەن (؛ پەقەت شەھەر دۆلىتىدىلا ) ياخشى سىياسىي تۈزۈلمە شارائىتىدا( ئىنسان تۇرمۇشى ياخشىلىنالايدۇ، دېگەنلەرنى تەشەبىۇس قىلغان ھەمدە غايىۋى يۇنان شەھەر دۆلەتلىرىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن لايىھە ئىشلەشكە ئۇرۇنۇپ كۆرگەن. ئۇنىڭ بىلىمى كەڭ بولۇپ، ئېنسكلوپېدىيىلىك ئالىم دەپ نام ئالغان. پەسلەپە، لوگىكا )فورمال لوگىكا(، زورئولوگىيە، ئاسترونومىيە، فىزىكا، ئېتېكا، پولىتىكا، ئەدەبىيات، ئىستىلىستىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىنقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يەكۈنلەپ ۋە قوبۇل قىلىپ، قەدىمكى زامان دۇنايسىدا ئۇلۇغ تەتقىقات سىستېمىسىنى ياراتقان.100 خىلدەك ئەسىرى بولۇپ، بۇلاردىن بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەنلىرىدىن مۇھىملىرى >قورال ھەققىدە< )لوگىكا(، >زوئولوگىيە<، >ھايۋاناتلار ھەققىدە<، >پەيدا بولۇش ۋە يوقىلىش ھەققىدە<، >مېتېئورولوگىيە<، >تەبىئەت ھەققىدە<، >فىزىكا<، >مېتافىزىكا< )بىرىنچى پەلسەپە(، >ئېتىكا<، >پولىتىكا<، >شېئىرىيەتشۇناسلىقى< قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇنىڭ سىستېمىسىنىڭ بەزى تەرەپلىرى )ئالايلۇقى، لوگىكا ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن بەزى پرىنسىپ ۋە ئىبارىلەر( كېيىنكىلەرگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان «ئارىستوتېل ئەسەرلىرى» روس تۈزۈپ چىققان نۇسخا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئارىستوتېل ئەسەرلىرىنى رەتلەش، تۈزۈش ۋە ئىزاھلاش مەخسۇس تەتقىق قىلىنىدىغان پەنگە ئايلانغان.
ئۇنىۋېرسال
ئارىستوتېل )قەدىمكى يۇنان پەيلا سوپى(
亚里士多德
yà lǐ shì duō déDئىستېتىكا
ئارىستوتېل )مىلادىدىن ئىلگىرىكى 384 - يىلدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 332 - يىلغىچە(
亚里斯多德)Aristoteles,前384-前332(,古希腊哲学家,美家家
yà lǐ sī duō dé )Aristoteles,qián 384-qián 332(,gǔ xī là zhé xué jiā ,měi jiā jiā měi jiā jiā