مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۆگە، ئات - ئېشەك، ھارۋىلاردىن تەشكىل تاپقان، يىراق يەرگە يۈك ۋە ئادەم توشۇيدىغان چوڭ كىراكەشلەر قوشۇنى.
ئىت ھۈرەر، كارۋان يۈرەر. ئاتچى سۇ يوق يەرگە قونماس. ئېشەكچى ئېشەكتىن ئايرىلماس.
领域: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىكارۋان.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: يىراق يېر ساۋىن ئارقىش كەلدۈرۈر _ يىراق يەر خەۋىرىنى كارۋان كەلتۈرەر. بۇ ئەرەپلەرنىڭ «» دېگىنىدەك ماقال.
1 - 131
领域: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىخەۋەرچى.
يۇرتىدىن يىراققا كەتكەن كىشىگە ئەۋەتىلگەن ئادەم. ئانىڭ ئارقىشى كەلدى _ ئۇنىڭ خەۋەرچىسى كەلدى. بۇ سۆز «خەت، مەكتۇپ» مەنىسىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
1 - 132
领域: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىكارۋان (سودىگەر)؛ خەۋەرچى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تارس . كارۋان؛ ھەربىي قوشۇننىڭ ئوزۇق - تۈلۈكىنى توشۇيدىغان ئارقا سەپ خىزمىتى .
بۇغراخان ئارسلان بىلەن چۈشكۈن ئالدىغا چىقىپ، ئارقىش قوشۇننىڭ باشلىقىنى قىچقاردى .
领域: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىقىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
① كارۋان؛ خەۋەرچى، ② مەكتۇپ
领域: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىقىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
كارۋان باشلىقى، خەۋەرچى