Uyghur←Chinese主要词典
ئارلېس پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
阿尔王国
ā ěr wáng guó
بۇرگۇنېد پادىشاھلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. Ⅹ ئەسىردىن ⅪⅤ ئەسىرگىچە غەربىي ياۋروپادا ئۆتكەن پادىشاھلىق بولۇپ، زېمىنى فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى ۋە شۋېتسارىيىنىڭ غەربىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. پايتەختى ئارلېس شەھىرى (ئورنى مارسېلنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدا بولۇپ، قەدىمكى زاماندا ئارېلاس دەپ ئاتالغان). مىلادى 933-يىلى يۇقىرى - تۆۋەن بۇرگۇنېد پادىشاھلىقىنىڭ بىرلىشىشى بىلەن شەكىللەنگەن («بۇرگۇنېد» قا قاراڭ). 1033- يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىگە ئىتائەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مۇستەقىللىكنى ساقلاپ قالغان. ⅪⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا كۆپ قىسىم زېمىنى فرانسىيىگە قوشۇلغان، ئازغىنا قىسمى (شەرقىي شىمالىي قىسمى) شۋېتسارىيىگە تەۋە بولغان.