Uyghur主要词典
ئارىلىق توقۇلما
بىئولوگىيە
ھايۋانلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك تۆرەلمىسىنىڭ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىسى. ئۇ ئوتتۇرا تۆرەلمە قەۋەتتىن ئاجراپ چىققان بىر قىسىم ھۈجەيرىلەردىن تەركىب تاپقان. ھۈجەيرىلەر ئۆسۈكچە چىقىرىپ يېنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈكچىلىرىگە تۇتىشىپ تور ھاسىل قىلىدۇ. لېكىن ئۆسۈكچىلەر بىرلىشىپ كەتمەيدۇ، بىر - بىرىدىن ئايرىلالايدۇ ھەمدە شەكىل ئۆزگەرتىپ ھەرىكەتلىنىشنى ئىپادىلەيدۇ. ئارىلىق توقۇلمىنىڭ تور بوشلۇقىغا ھۈجەيرە ئارىلىق ماددىلىرى تولۇپ تۇرىدۇ. ئەڭ باشتا ئاقسىل تەركىبى مول بولغان سۇيۇقلۇق بولۇپ كېيىن تەدرىجىي ھالدا تالالار پەيدا بولىدۇ. تۆرەلمە مەزگىلىدە تىرەكلىك، تولدۇرۇپ تۇرۇش ھەم يېڭى توقۇلما ۋە ئورگانلارنى تۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئىنسانلار ۋە يېتىلگەن ھايۋان تېنىدىكى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلار تەركىبىدە ئادەتتە ئىپتىدائىي ھالەتتىكى ئارىلىق توقۇلما ساقلانغان بولۇپ، زۆرۈرىيىتى بولغاندا دىففېرېنسىيىلىنىپ يېڭى توقۇلمىغا ئايلىنايلايدۇ.