Uyghur←Chinese主要词典
ئارىلىق مېڭە
پسىخولوگىيە
间脑
jiān nǎo
چوڭ مېڭە بىلەن ئوتتۇرا مېڭە ئارىلىقىدا بولۇپ، كۆرۈش دۆڭچىسى بىلەن تۆۋەنكى كۆرۈش دۆڭچىلىرىنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ. كۆرۈش دۆڭچىسى مەركەزگە ماڭغان ئىمپۇلىسلارنىڭ ئالمىشىش جايى. پۇراق سەزگۈسىدىن باشقا، بەدەننىڭ ھەر قايسى سەزگۈ ئورگانلىرىنىڭ مەركەزگە ئىنتىلگۈچى نېرۋا تالالىرى كۆرۈش دۆڭچىسىگە كەلگەندە، نېۋرونلار ئالمىشىدۇ. ئاندىن ئىمپۇلىسلار چوڭ مېڭىگە يەتكۈزۈلىدۇ. مەركەزگە ماڭغان ئىمپۇلىسلار كۆرۈش دۆڭچىسىدە يىرىكرەك پىششىقلاپ ئىشلىنىپ تاللىنىدۇ. شۇڭلاشقا كۆرۈش دۆڭچىسى تۆۋەن دەرىجىلىك سەزگۈ مەركىزى دەپ ئاتالغان. تۆۋەنكى كۆرۈش دۆڭچىسى ۋېگېتاتىۋ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ پوستلاق ئاستى مەركىزى بولۇپ، ئىچكى ئەزالارنىڭ پائالىيىتى بىلەن ئىچكى سېكرىتسىيە پائالىيەتلىرىنى تەڭشەيدىغان ئاساسىي ھالقا. تۆۋەنكى كۆرۈش دۆڭچىسىنىڭ بىر قىسىم ئورۇنلىرى ئۇخلاش ۋە ئويغىنىشنىڭ رېتىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، تۆۋەنكى كۆرۈش دۆڭچىسى كەيپىيات رېئاكسىيىسىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۆۋەنكى كۆرۈش دۆڭچىسى ۋە كۆرۈش دۆڭچىسى بىلەن چوڭ مېڭە پوستلىقى ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان قايتىلىنىش يوللىرى شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار چوڭ مېڭە بىلەن بىر پۈتۈنلۈكنى تەشكىل قىلىپ، بىر بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، بىر بىرىنى تورمۇزلايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك پسىخىك پائالىيەتلەرنى بىرلىكتە تەڭشەيدىكەن.
تېببىي,ئاناتومىيە,ئۇنىۋېرسال
间脑
jiān nǎo