Uyghur←Chinese主要词典
ئارىيابخاتا
دۇنيا تارىخى
阿利耶跋多
ā lì yē bá duō
(مىلادى 476 - 550) ھىندىستان گۇپتا خاندانلىقى دەۋرىدىكى ئاسترونوم ۋە ماتېماتىك، ئېھتىمال پاتالىپۇترا شەھىرىدىن بولۇشى مۇمكىن. يەر شارى شار شەكىلدە، ئۇ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ دېگەن تەشەببۇسنى ھىندىستاندا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ئاسترونوم ئۇ يەنە يەر شارىنىڭ سايىسى ئاي شارىنى توسۇۋالىدىغانلىقى ئۈچۈن ئاي تۇتۇلىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. ماتېماتىكا جەھەتتە، يىلتىز چىقىرىش، دەرىجىگە كۆتۈرۈش، مەيدان ۋە ھەجىم، قاتار ۋە ئالگېبرالىق تەپمۇ تەڭلىك شۇنىڭدەك بىرىنچى دەرىجىلىك ئېنىقسىز تەڭلىمە قاتارلىق قائىدىلەرنى ئىسپاتلىغان، Л نىڭ قىممىتى 3.1416 بولىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەپ، چەمبەر تۇراقلىقىنىڭ قىممىتىنى ئىنتايىن توغرا ھېسابلاپ چىققان