Uyghur←Chinese主要词典
ئارگون كىنەزلىكى
دۇنيا تارىخى
亚拉冈王国
yà lā gāng wáng guó
ئىبېرىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى ئارگون رايونىنىڭ فېئودال كىنەزلىكى. مىلادى Ⅸ ئەسىردە يەرلىك ئاھالىلەر ئەرەبلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئارگون بەگلىكىنى قۇرۇپ چىققان. 925-يىلى ناۋاررا پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. 1035-يىلى، ناۋاررا پادىشاھى سانكو Ⅲ (1001 - 1035) ئۆلگەندە، دۆلەت زېمىنىنى تۆت ئوغلىغا بۆلۈپ بەرگەن، رامىرو Ⅰ (5103 - 1063) ئاراگونغا ئىگە بولۇپ، ئۇنى مۇستەقىل پادىشاھلىققا ئايلاندۇرغان. Ⅺ ئەسىردىن باشلاپ زېمىنىنى كېڭەيتكەن. 1118-يىلى، ئالفونسو Ⅰ زاراگوزانى ئىگىلەپ، پايتەخت قىلپ بەلگىلىگەن. 1137-يىلى قۇدا بولۇشۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كاتالۇنىيەنى قوشۇۋالغان ھەمدە كاتالۇنىيە خاندانلىقى (1137 - 1410) نى قۇرۇپ چىققان. يېڭى خاندانلىق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئاراگون قولدىن كەتكەن يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ شەرقتىكى ئوچىقى بولۇپ قالغان. 1212-يىلى كاستىل پادىشاھلىقى بىلەن بىرلىشىپ، تولوسا ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1238-يىلى ۋالېنسىيەنى قوشۇۋالغان، كېيىن دېڭىز سىرتقا قاراپ تەرققىي قىلىپ، سىتسىلىيە (1282) ۋە ساردىنىيە (1326) نى قوشۇۋالغان ھەمدە ۋېنېتسىيە بىلەن يارىشىپ، گېنۇيە ۋە پىسا بىلەن ئوتتۇرا دېڭىزغا خوجا بولۇش ھوقۇقىنى تالاشقان. 1410-يىلى كاتالۇنىيە پادىشاھلىقى ۋارىسسىز قالغاندىن كېيىن، كاستىل شاھزادىسى فېرناندۇ Ⅰ نى كورۇل (1412 - 1416) قىلىپ سايلاپ، كاستىل خاندانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. يېڭى خاندانلىق سىتسىلىيە پادىشاھلىقى ۋە نېئاپول پادىشاھلىقىنى (4214) قوشۇمچە باشقۇرغان. 1479-يىلى كاستىل پادىشاھلىقى بىلەن قوشۇلۇپ، ئىسپانىيىنىڭ بىرلىكى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.