Uyghur←Chinese主要词典
ئارگېداس
دۇنيا تارىخى
阿格达斯
ā gé dá sī
(1879 - 1946) بولىۋىيىلىك سوتسىئولوگ. يازغۇچى، تارىخشۇناس. لاپاستا تۇغۇلغان. پارىژدا سوتسولوگىيىنى تەتقىق قىلغان. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى بولغان (1940)، لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى، پارلامېنت ئەزاسى بولغان ھەمدە ئەنگلىيە، فرانسىيە، كولۇمبىيە، ۋېنېسۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئەلچى بولۇپ بارغان. ئەسەرلىرىدە كۆپىنچە ئىندىئانلارنى ۋەقەلىك قىلىپ، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى جەلىپ قىلغان. ۋەكىللىك خاراكتېرلىك ئەسىرى «مىس قورال دەۋرىدىكى ئىرق» تا بولىۋىيىدىكى ئىندىئانلارنىڭ پومېشچىكلارنىڭ ئېزىشىگە قارشى كۈرىشى تەسۋىرلەنگەن. «بېساگۇئا»، «ۋاتا - ۋار»، «كرىئوللوللارنىڭ تۇرمۇشى» قاتارلىق رومانلىرى ۋە ئىندىئانلار بىلەن ئارىلاشما قانلىقلار مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغان ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىدىن «كېسەلچان مىللەت»، «سايىنىڭ ئۇسسۇلى»، تارىخىي ئەسەرلىرىدىن «بولىۋىيە ئومۇمىي تارىخى» قاتارلىقلار بار.