Uyghur←Chinese主要词典
ئارچىلوكوس
دۇنيا تارىخى
阿启罗卡斯
ā qǐ luó kǎ sī
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 720 - 676) قەدىمكى يۇناننىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى شائىرى. ئېگېي دېڭىزىدىكى پاروس ئارىلىدا تۇغۇلغان. ئاتىسى تېلېسكل ئاتاقلىق (راھىب) ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، ئاپىسى ئېنىپو دېدەكلىكتىن كېلىپ چىققان. ئۇ تائوس ئارىلىغا كۆچۈپ بېرىپ، ھەربىي سەپكە كىرىپ فراكىيە بويلىرى ئەتراپىدا جەڭ قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ لىكامبنىڭ قىزى نېئوبۇلغا تەلەپ قويۇپ، ئاۋۋال ماقۇللۇقىغا ئېرىشكەن، كېيىن رەت قىلىنغان؛ ئۇ غەزەپلىنىپ ھەجۋىي شېئىرلارنى يېزىپ (ئىئامبوس) نېئوبۇلنى مەسخىرە قىلىپ ھاقارەتلىگەچكە، ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۇ ئېئونىيە لىرىك شائىرلىرى ئىچىدە تەسىرگە ئىگە شائىر بولۇپ، قەدىمكى زامان يازغۇچىلىرى ئۇنى ھەتتا گومېر، پىندارلار بىلەن تەڭ تىلغا ئالغان، پاروس ئارىلى بىلەن ناكسوس ئارىلى ئوتتۇرىسىدىكى بىر قېتىملىق جەڭدە ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھازىر بەزى پارچىلار ساقلىنىپ قالغان.