Uyghur主要词典
ئارىچىلىماق
شىۋىلەر
سالاكەشلىك قىلماق، سۈلھى - سالا قىلماق، ئارىلاشماق، ئارىغا كىرمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
جېدەللىشىپ تۇتۇشۇش قالغانلار ياكى چېلىشقانلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، تۇتۇۋېلىپ ئايرىۋەتمەك، ئارىلاشماق.
سەكرەپ تۇرغان ساقچى ھۈسەينەمگە بىر كاچات سالدى، ئۇنىڭغىچە باشقىلار ئارىچىلاپ ئۇرغۇزمىدى.
ئارىلاپ ماڭماق، ئارىسى بىلەن ماڭماق.
ئۇ <بۇ يولدا مېڭىش خەتەرلىك> دەپ، يىراق بولسىمۇ ئارىچىلاپ مېڭىپ كەتتى.