Uyghur主要词典
ئارچا
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
ئارچا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ياغاچ غوللۇق دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان، ئارچىغا ئۇرۇقداش دەرەخ ياكى چوڭراق چاتقال بولۇپ، مەززىلىك پۇرىقى بار. ئېگىزلىكى 2 ~ 3 مېتىر كېلىدۇ؛ شاخلىرى ناھايىتى قويۇق، ئۇششاق شاخلىرى ياپىلاق، سىلىق، يېشىل رەڭدە بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى تەڭگىسىمان بولۇپ، ئۇششاق شاخلىرىغا زىچ جايلىشىپ نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ؛ گۈلى تاق جىنسلىق، ئۆسۈملۈكى قوش جىنسلىق، ئاتىلىق، ئانىلىقى بىر تۈپتە، ئاتىلىق گۈلى سېرىق، ئانىلىق گۈلى سۆسۈن رەڭدە بولىدۇ؛ مېۋىسى تىك ئۆسىدۇ، شار شەكلىدە ياكى سوقىچاق قىرلىق كېلىدۇ، سىرتقى يۈزىدە ئاق رەڭلىك موم ماددىلىق پاراشوكى بولىدۇ، پىشقاندا يېرىلىدۇ، ئۇرۇقى تۇخۇم شەكلىدە، رەڭگى قوڭۇر كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يۇمران شېخى، يوپۇرمىقى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى يىلنىڭ ھەممە ۋاقىتلىرىدا يىغىۋېلىشقا بولىدىغان بولۇپ، سايىدا قۇرۇتۇپ خام ياكى قورۇپ كۆمۈرلەندۈرۈپ؛ كۈز پەسلىدە مېۋىسى پىشقاندا لېكىن يېرىلمىغاندا ئۈزۈۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، پوستىنى ئېلىۋېتىپ تازىلاپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تىكىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
قاننى سوۋۇتۇش، قان توختىتىش، ھۆل ئىسسىقنى ھەيدەش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ھۆل ئارچا يوپۇرمىقىدىن 4 ~ 8 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بۇرۇن قاناش ۋە قان قۇسۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كۆمۈرلەنگەن ئارچا يوپۇرمىقىدىن 12 گرام، كۆمۈرلەنگەن كىچىك خوخىدىن 20 گرام، روياندىن 12 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان سىيىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام كۈمۈرلەنگەن كۇلى ئارچا يوپۇرمىقىنى 10 گرام كۈمۈرلەنگەن تۇخۇمەك گۈلى، 12 گرام چۇلۇك يىلتىز پوستى قاتارلىقلار بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، چوڭ تەرەتتىن قان كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
كۈمۈرلەنگەن ئارچا يوپۇرمىقىدىن 20 گرام، كەتىرادىن 15 گرام، كۈمۈرلەنگەن يېكەن سېرىقىدىن 12 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، ئىككىگە بۆلۈپ قايناق سۇ بىلەن ئىچسە، بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام كۈمۈرلەنگەن ئارچا يوپۇرمىقىنى سەككىز گرام ئەمەن يوپۇرمىقى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز كۆپىيىپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئارچا ئۇرۇقى، ئالقات، كىرەش، لۇڭگونىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق ۋە كۆپ ئېھتىلام بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەككىز گرام ئارچا ئۇرۇقىنى 10 گرام كەندىر ئۇرۇقى بىلەن قوشۇپ ئېزىپ، خېمىر قىلىپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، تۇغۇتلۇق ئاياللاردىكى ئاجىزلىق ۋە چوڭ تەرەت قېتىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام كۈمۈرلەنگەن كۇلى ئارچا يوپۇرمىقىنى 10 گرام غاز ئوتى، 12 گرام سۆئىلەپ، تۆت گرام چاچ كومۇر بىلەن قوشۇپ يۇمشاق سوقۇپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى، قان قۇسۇش ۋە چوڭ تەرەتتىن قان كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل ئارچا يوپۇرمىقىدىن 25 گرام، قىزىل مېۋىلىك شاقاقۇلدىن 12 گرام، ناۋاتتىن 12 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئارچا مېۋىسنىڭ يوپۇرمىقىنى خېمىر قىلىپ مېڭىگە چېپىپ بەرسە، مېڭە كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئارچا مېۋىسىنىڭ ئۇرۇقىنى سوقۇپ، تالقان قىلىپ ئىچىپ بەرسە، پالەچ، پەي سۇسلۇقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئارچا مېۋىسىنىڭ ئۇرۇقىنى كۇنجۇت يېغى بىلەن قاينىتىپ قارايغاندا قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، قۇلاق ئېغىرلىقى ۋە گاسلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئارچا مېۋىسىنىڭ ئۇرۇقىنى سوقۇپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ غار - غار قىلسا، چىش تۈۋى ئىششىقى، ئېغىز جاراھەتلىرى ۋە ئاكىلىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئارچا مېۋىسى ئۇرۇقىنىڭ قويۇق قاينىتىلمىسىدىن 25 گرامنى كالا يېغى، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھاسىراش ۋە بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئارچا مېۋىسىنىڭ ئۇرۇقىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان كۆپۈش ۋە ئىستىسقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئارچا مېۋىسىنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ، سۈزۈپ داكىنى چىلاپ بالىياتقۇ ئىچىگە كىرگۈزسە، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
ئارچا مېۋىسىنىڭ ئۇرۇقىدىن توققۇز گرام، ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى چىقىرىدۇ.
ئارچا مېۋىسىنىڭ ئۇرۇقىدىن 30 گرامنى پاكىزلاپ، كالا چاۋىسىغا يۆگەپ قاينىتىپ، ياغنى ئۆزىگە ئالغاندا، ئوبدان سالايە قىلىپ، ناۋات بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئالتە گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بوۋاسىر ۋە ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى چۈشۈرۈشكە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئارچا مېۋىسىنى ھەسەل بىلەن خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل يوغان جاراھەتلەرنى كىچىكلىتىپ ساقايتىپ، ئىششىق ياندۇرىدۇ.
ئارچا مېۋىسىنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، تېرىدىكى قارا داغلارنى چۈشۈرىدۇ.
ئارچا مېۋىسىنى ئەنجۈر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە ياكى يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئەزانىڭ قېتىپ قېلىشىنى يۇمشىتىدۇ.
ئارچا مېۋىسىنى سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرپ باشقا چېپىپ بەرسە، چاچ چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئادەتتە دېيىلىدىغان ئارچا دەرىخى ئارچا ئائىلىسىدىكى دەرەخلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. پۈتۈن دۇنيادا ئاز دېگەندىمۇ150 تۈر ئارچا بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىن29 تۈرى چىقىدۇ، چەتتىن15 تۈرى كىرگۈزۈلگەن. ئارچا دەرەخلىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ھەممە يەردە ئۆسۈۋېرىدۇ، تاغ جىنسلىرى ۋە تاغلىقلارغا ماكانلىشىپ، ئوخشاشلا ئادەتتىكىدەك ياپيېشىل ياشىرىپ ئۆسۈۋېرىدۇ. ئۇلار ھەم 40℃ لۇق تومۇزغىمۇ چىدايدۇ، ھەم31℃ − لۇق قەھرىتان سوغۇققىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. شۇڭا، ئۇ »تەبىئەتنى ئۆزگەرتكۈچى تۆھپىكار« دەپ ئاتىلىدۇ.
مەملىكىتىمىزدىكى قەدىمكى بۇتخانا - ئىبادەتخانىلاردا، مەشھۇر ئاسار ئەتىقە ئورۇنلىرىدا ئاسمانغا تاقاشقان قەدىمكى ئارچىلارنىڭ لەمپە - ئىمارەتلەرنى يېپىپ تۇرغانلىقىنى دائىم كۆرۈشكە بولىدۇ. شەنشى ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭلىڭ ناھىيىسىدىكى شۈەن يۈەن خان قەبرىستانلىقى ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدىكى قەدىمكى ئارچىنىڭ ئېگىزلىكى20 مېتىر، غول ئايلانمىسى10 مېتىر بولۇپ، رىۋايەت قىلىنىشىچە، شۈەن يۈەن خان ئۆز قولى بىلەن تىككەنىكەن، بۇ،4000 −5000 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەن. تەيۋەندىكى ئاتاقلىق »ئالىي تېغىدىكى ئىلاھىي دەرەخ« − خامايسىپارس (قىزىل ئارچا) دەرىخىنىڭ ئېگىزلىكى58 مېتىر، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى5 .6 مېتىر، ياغىچىنىڭ ھەجمى504 كۇب مېتىر بولۇپ، يېشى3000 يىلدىن ئاشىدىكەن. قەدىمكىلەر ئارچىنى تەرىپلەپ »دەرەخلەرنىڭ ئاقساقىلى« دېيىشكەن. كۇڭزى: »قەھرىتان سوغ بولمىسا، ئارچا - قارىغاي تونۇلماس، ئىشلار قىيىن بولمىسا، قىلالىغانلار بىلىنمەس« دەپ ئېيتقان. كۇڭزى قارىغاي - ئارچىلارنى قەدىرلەيتتى. ئۇنىڭ يۇرتى چۇپۇدىكى كۇڭزى قەبرىستانلىقى، كۇڭزى دەرەخزارلىقى ۋە كۇڭزى ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا، قەدىمكى ئارچىلار ھازىرغا قەدەر قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.
بىزگە كۆپ ئۇچرايدىغان ياپىلاق ئارچا (كۇلى ئارچىسى) ئارچا دەرىخى، خۇشبۇي ئارچا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئارچا ئائىلىسىگە كىرىدۇ. دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىن ئالاھىدە چىقىدىغان دەرەختۇر. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى20 مېتىر، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى1 مېتىر كېلىدۇ. ياپىلاق ئارچا گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد، خلور گازى، ھىدروخلورىد قاتارلىق زەھەرلىك گازلارغا قارىتا ئوتتۇراھال قارشى تۇرۇش كۈچىگە ئىگە، چاڭ - توزانلارنى سۈمۈرۈۋېلىش ئىقتىدارى بىرقەدەر كۈچلۈك. جۇڭيى تېبابىتىدە يۇمران شاخ، يوپۇرماق ۋە ئۇرۇق مېغىزى دورا قىلىنىدۇ. شاخ، يوپۇرماقلىرىنىڭ قاننى سوۋۇتۇش، قان توختىتىش رولى بار، ئاساسلىقى قان قۇسۇش، بۇرۇن قاناش، تەرىتىدىن قان كېلىش، قان سىيىش ھەم سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ. ئۇرۇق مېغىزىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق ئارىلاش ئاچچىق بولۇپ، تىنچلاندۇرۇش، قۇرۇقنى نەملەشتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئاساسلىقى ئۇيقۇسىزلىق، قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ. يوپۇرمىقىنى سۇدا قاينىتىپ بەدەن يۇيغاندا، سىر يارىسى ۋە تېرە ياللۇغىغا شىپا بولىدۇ.
ياپىلاق ئارچىنىڭ شاخ، يوپۇرمىقىنى ئۇۋۇلاپ ئەزگەندە ئۆتكۈر خۇش پۇراق چىقىرىدۇ، ئۇنىڭدىن ئاروماتىك ماي چەككىلەپ ئېلىشقا بولىدۇ. ياپىلاق ئارچىنىڭ ياغىچى قاتتىق، پۇختا، خۇشبۇي پۇراقلىق بولۇپ، قۇرۇلۇش، كېمىسازلىق، ئۆي جاھازلىرى ياساش ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ.
بىئولوگىيە
ئارچا ئائىلىسىگە كىرىدۇ. دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ، قوۋزىقى تار ئۇزۇن يىپسىمان يېرىلىدۇ، كىچىك شېخى ئىنچىكە ئۇزۇن بولۇپ تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ، ياپىلاق بولىدۇ، بىر تەكشىلىكنى ھاسىل قىلىپ تىزىلىدۇ. يوپۇرنىقى تەڭگىسىمان بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۇدۇل ئۆسىدۇ، ئالدىنقى ئۇچى ئۇچلۇق بولىدۇ. ئاتىلىق، ئانىلىقى بىر تۈپتە بولۇپ، شارچە گۈلى شاخنىڭ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ. ئاتىلىق شارچە گۈلى ئېللىپىسسىمان، ئاتىلىقى ئالتە جۈپ، چاڭدان تومۇرنىڭ ئۇچى قىسقا ئوقيا بېشىسىمان بولۇپ، يېتىلىدىغان تۈگۈن تەڭگىچىسىنىڭ ھەر بىرىدە كۆپ ساندا تۆرەلمە تۈگۈنى ئۆسىدۇ. مېۋىسى شارسىمان، ئۇرۇق تەڭگىچىسى تۆت جۈپ. ئۇرۇقىنىڭ كەڭلىكى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك، ياپىلاق بولۇپ، گىرۋىكىدە تار قانىتى بولىدۇ. ئۇ جۇڭگونىڭ ئالاھىدە ئۆسۈملۈكى بولۇپ، تارقىلىشى ئىنتايىن كەڭ. جېجياڭ، فۇجيەن، جياڭشى، خۇنەن، خۇبېي، سچۇەن، گۇيجۇ، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىن چىقىدۇ. ھاۋاسى ئىسسىق نەم بولغان ھەر خىل تۇپراق بەلباغلىرىدا ئۆسىدۇ. ياغاچ ماتېرىيالىنىڭ سىزىقى تۈز، تۈزۈلۈشى ئىنچىكە، سۈپىتى بىر ئاز چۈرۈك بولۇپ، نەملىككە چىداملىق، چىرىشكە قارشى تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك، خۇش پۇراق بولىدۇ. قۇرۇلۇش، كېمە، ۋاگون، ئەسۋاب، ئۆي سايمانلىرى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. شاخ ۋە يوپۇرمىقدىن خۇش پۇراق ماي ئېلىنىدۇ، ئۇرۇقىدىن ماي تارتىلىدۇ. شارچە مېۋە يىلتىز، شاخ ۋە يوپۇرمىقى دورىغا قوشۇلىدۇ. كىپارس دەرىخىنىڭ ئۆسۈشى تېز، ئىشلىتىلىشى كەڭ، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئىسسىق رايوندىكى ھاك تاشلىق تاغدا ئورمان بىنا قىلىنىدىغان دەرەخ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ دەرەخ تاجىسى كۆركەم بولۇپ، ھويلا - ئاراملاردا ئۆستۈرسىمۇ بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
ئارچا ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ، ئېگىز ئۆسىدۇ، كىچىك شاخلىرى تۈز، تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ: يوپۇرمىقى تەڭگىچە شەكلىدە بولۇپ مېۋىسى شارسىامن، ياغىچى پۇراقلىق ھەم بەك چىڭ بولىدۇ؛ قۇرۇلۇشقا ماتېرىيال قىلىنىدۇ.