Uyghur主要词典
ئاراتۆرۈك
ئاراتۆرۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:] >جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] قۇمۇل ۋىلايىتىگە قاراشلىق بىر ناھىيىنىڭ نامى.[CRLF]ئاراتۆرۈك ناھىيىسى تاڭرى تاغنىڭ شەرقىي بۇلۇڭىنىڭ شىمالىي يان باغرىغا جايلاشقان. شىنجاڭنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى بولۇپ، شەرقىي مېردىئان39°53′~69°32′ ، شىمالىي كەڭلىك 24°45′~44°92′ ئارىلىقىدا. شەرقىي ۋە شىمالىي قىسىملىرى موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگىرلىنىدۇ. چېگرا سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 274 كلومېتىر. غەربىي قىسمى بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبىي قىسمى قۇمۇل شەھىرى ۋە بىڭتۇەننىڭ قىزىليۇلتۇز 2-چارۋىچىلىق فېرمىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ناھىيىنىڭ شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان ئۇزۇنلۇقى 215 كلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 175 كلومېتىر بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 19735 كۋادىرات كلومېتىر كېلىدۇ. ناھىيىيىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز يېرى 4888 مېتىر، ناھىيە بازىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1700 مېتىر كېلىدۇ. ناھىيىگە قاراشلىق ئىككى بازار: ئاراتۆرۈك بازىرى، نوم بازىرى؛ بەش يېزا: باي يېزىسى، ئاداق يېزىسى، تۇغلۇق يېزىسى، تۇزكۆل يېزىسى، نېرىنكىر قازاق ئاپتونوم يېزىسى بار.