Uyghur←English主要词典
ئارامېئانلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
Aramaeans
ئارامېئانلار <ئەرەملەر> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار غەربىي ئاسىيادا ياشىغۇچى قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى، ساملارنىڭ بىر تارمىقى.
ئارامېئانلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000 - يىللىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن سۈرىيە ئەتراپىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅹ[KG-*2]Ⅳ ئەسىردە مېسوپوتامىيىگە كىرگەن، Ⅺ - Ⅹ[KG-*2]Ⅱ ئەسىرلەرگە كەلگەندە ئاسسۇرلارغا زەربە بېرىپ، غەربىي ئاسىياغا تارقىلىپ بىر نەچچە پادىشاھلىق قۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 732 - يىلى ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى شۇ يەردىكى باشقا مىللەتلەرگە ئۆزلىشىپ كەتكەن.
ئۇلارنىڭ تىل - يېزىقى، بولۇپمۇ فىنكىيە يېزىقى، كېيىن ئاسورىيە، يېڭى بابىلۇن ۋە پېرىسىيە ئىمپېرىيىسى قاتارلىق قەدىمكى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت تىل - يېزىقىغا ئايلانغان. Ⅶ ئەسىرگە كەلگەندە ئۇنىڭ ئورنىنى ئەرەب تىل - يېزىقى ئىگىلىگەن. ھازىرقى سۈرىيە، ئىراق ۋە تاشقى كاۋكازدا ئارامېئانلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
ئەرەم تىلى سام - ھام تىللىرى سىستېمىسىنىڭ غەربىي تىل گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ. بۇ تىل قەدىمكى ئەرەم تىلى، قەدىمكى سۈرىيە تىلى، ئاسسۇرىيە تىلى ۋە ھازىرقى زامان ئەرەم تىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.