Uyghur←Chinese主要词典
ئاراگون خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
亚拉冈王朝
yà lā gāng wáng cháo
سىتسىلىيە (1282- ياكى 1302 - 1479) ۋە جەنۇبىي ئىتالىيە (1442 - 1501) دىكى فېئودال خاندانلىق. 1282-يىلى سىتسىلىيىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، فرانسىيىنىڭ ئەنجو خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ («سىتسىلىيە كەچلىك ئىبادەت قىلغۇچىلار قوزغىلىڭى» غا قارالسۇن)، ئاراگون پادىشاھى پېدرو Ⅲ (1276 - 1285-يىللىرى تەختكە ئولتۇرغان) نى قوشۇمچە سىتسىلىيىنىڭ پادىشاھى (پېدرو Ⅰ دەپ ئاتىلىپ، 1282 - 1285-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) قىلىپ تىكلىگەن. 1302-يىلى ئارگون خاندانلىقىنىڭ سىتسىلىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقى رەسمىي تۇرغۇزۇلغان. جەنۇبىي ئىتالىيىدە نېئاپول پادىشاھلىقى شەكىللەنگەن. 1442-يىلى، ئاراگون بىلەن سىتسىلىيە كورۇلى ئافونسو Ⅴ قوشۇلۇپ، نېئاپول پادىشاھلىقىنى تەشكىل قىلغان. 1501-يىلى ئاراگون خاندانلىقىنىڭ نېئاپولدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان. 1504-يىلى، ئىسپانىيە ئىتالىيىدىكى ئۇرۇش (1494 - 1559) تا نېئاپولنى ئىشغال قىلىپ، كېيىن جەنۇبىي ئىتالىيە بىلەن سىتسىلىيىنى قوشۇپ، ئىكى سىتسىلىيە پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ چىققان.