Uyghur←Chinese主要词典
ئاق شەمشاھ
بىئولوگىيە
冷杉
lěngshān
قارىغاي ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇ دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ بولۇپ، دەرەخ تاجى مۇنار شەكىللىك بولىدۇ، قوۋزىقى رەتسىز نېپىز پارچىلارغا يېرىلىپ غولىغا يېپىشىپ تۇرىدۇ، يۇمران شېخى سىلىق بولۇپ، يۇمىلاق يوپۇرماق ئىزى بولىدۇ. يوپۇرمىقى شېخىنىڭ يۇقىرىقى تەرىپىدە يانتۇ ھالدا يۇقىرىغا قاراپ ئېچىلىدۇ، تۆۋەندىكى تەرىپىدە ئىككى قاتار بولۇپ تىزىلىدۇ؛ يىپسىمان ياكى ئۇزۇن تۆمۈنسىمان بولۇپ سېپى بولمايدۇ. تۆۋەنكى تەرىپىدە ئىككى تال ئاق رەڭلىك ھاۋا تۆشۈك بەلبېغى بولىدۇ، ئاتىلىق، ئانىلىقى بىر تۈپتە، شارچە گۈلى قولتۇقتا ئۆسىدۇ؛ ئاتىلىق شارچە گۈلى تەتۈر تىك ئۆسىدۇ، تۈۋىدە تەڭگىچە يوپۇرماقلار بولىدۇ؛ ئاتىلىقى كۆپ بولۇپ بۇرمىسىمان ئۆسىدۇ، چاڭدىنى ئىككى تال بولىدۇ@@@@@ ئانىلىق شارچە گۈلى تىك ئۆسىدۇ، كۆپ ساندىكى كاھىشسىمان تىزىلغان تۈگۈن تەڭگىچىسى بىلەن چوڭ تىپلىق ئورىغۇچى تەڭگىچىدىن تۈزۈلىدۇ، ھەر بىر تۈگۈن تەڭگىچىسىدە ئىككى تال تۆرەلمە تۈگۈنى بولىدۇ. شارسىمان مېۋىسى تىك ئۆسىدۇ، ئۇچى يۇمىلاق سىلىندىر شەكىللىك، ئۇرۇق تەڭگىچىسى يەلپۈگۈچسىمان تۆت تەرەپلىك، تۆۋەنكى تەرەپ ئىككى يېنى قۇلاقسىمان، تۈۋى تار، قىسقا، ساپسىمان بولىدۇ؛ ئورىغۇچى تەڭگىچىسى ئازراق چىقىپ تۇرىدۇ، ئۇچى كەينىگە قايرىلىدۇ؛ ئۇرۇقى ئۇزۇن ئېللىپىسسىمان بولۇپ، ئۇرۇق قانىتىدىن ئۇزۇن ياكى تەڭ بولىدۇ. بۇ جۇڭگودا ئالاھىدە بولىدىغان دەرەخ بولۇپ، سچۇەندىن چىقىدۇ. ھاۋاسى سالقىن ھەم نەم، يىللىق يامغۇر يېغىش مىقدارى 1500 - 2000 مىللىمېتر، دېڭىز يۈزىدىن 2000 - 0400 مېتر ئېگىز بولغان تاغلىق رايوندا كەڭ دائىرىدىكى ساپ ئورمانلىقنى ھاسىل قىلىدۇ. ياغاچ ماتېرىيالى قۇرۇلۇش ۋە ياغاچ تالاسى سانائىتىگە ئىشلىتىلىدۇ.