Uyghur主要词典
ئاقساقاللىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاقساقاللار قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەت، باشلىقلىق.
ئۇ باغدات سودىگەرلىرىنىڭ ئاقساقاللىقىغا، كېيىن رەئىسلىكىگە كۆتۈرۈلگەنىدى.
كۆچمە. ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز گەپ - سۆزلەرگە ئارىلىشىۋېلىش، ھەممىلا گەپكە لوقما سېلىش قىلمىشى؛ ئاتىكارچىلىق.
ھەي بەڭۋاش، ئاقساقاللىقىڭنى قارا، ساڭا ئۇنداق گەپنى سوراشنى كىم قويۇپتۇ.