Uyghur主要词典
ئاق قېيىن
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ قېيىن دەرەخ ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان، قارىغايغا ئۇرۇقداش بىرخىل دەرەخ بولۇپ، قوۋزىقى بىرقانچە قەۋەت نېپىز قوۋزاقتىن تەركىب تاپقان، رەڭگى ئاقۇچ كۈل رەڭ، ئاسان سويۇلىدۇ، ئىچ قوۋزىقى توق سېرىق بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، كۆپىنچە ئىككى يوپۇرماق بىر ئورۇندىن ئۆسۈپ چىقىدۇ، شەكلى كەڭ تۇخۇمسىمان، گىرۋەكلىرىدە چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشىمايدىغان ھەرە چىشلىرى بار؛ گۈل رېتى باشاقسىمان بولۇپ، قولتۇقىدىن ياكى ئۇچىدىن ئۆسىدۇ، مېۋە باشىقى تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، قاناتلىق، ئۇششاق، قاتتىق مېۋىلىرى قەۋەتلىشىپ تىزىلغان، قوڭۇر سېرىق رەڭدە.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ قوۋزىقى ۋە بىخى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى كەسكەن چاغلاردا قوۋزىقىنى سويۇۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، يېڭى بىخلىغاندا بىخىنى كېسىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغلىق ئورمانلىقى، ئېدىرلار ۋە يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان بويلىرىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ھارارەتنى پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، يۆتەل توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئاق قېيىن قوۋزىقىدىن 12 گرام، چىلان دەرەخ قوۋزىقىدىن 35 گرام ئېلىپ ئايرىم - ئايرىم قارايغىچە قورۇپ، ئاندىن ئارىلاشتۇرۇپ يۇمشاق سوقۇپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 2 ~ 4 گرامنى قايناق سۇ بىلەن ئاچ قورساققا ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر باكتېرىيىلىك تولغاق ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەتىياز پەسلىدە ئاق قېيىن قوۋزىقىنى سويغان چاغدا ئېقىپ چىققان سۇيۇقلۇقىنى (شىرنىسىنى) كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 02 مىللىلىتىردىن ئىچىپ بەرسە، يۆتەل ۋە دەم سىقىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاق قېيىن قوۋزىقىنى قارايغىچە قورۇپ، يۇمشاق سوقۇپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گرامنى رەيھان شەربىتى بىلەن ئىچىپ بەرسە، سۈت بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئاق قېيىننىڭ غولى تىك، شاخ - يوپۇرماقلىرى شالاڭ، قوۋزىقى ئاپئاق، نوتا - شاخلىرى يۇمشاق؛ شامالدا ئىرغاڭلاپ لىڭشىپ تۇرىدۇ، تۇرقى ناھايىتى كېلىشكەن بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا بىر توپ ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر ئەركىن ئۇسسۇلغا چۈشۈۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. ئاق قېيىن ئەزەلدىنلا »پەرىزات دەرەخ« دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.
ئاق قېيىن دەرىخى قېيىن ئائىلىسىگە كىرىدۇ. پۈتۈن يەر شارىدا قېيىننىڭ40 تۈرى بار، مەملىكىتىمىزدە22 تۈرى بولۇپ، كۆپىنچىسى شەرقىي شىمال ۋە ئوتتۇرا قىسىمدىن غەربىي جەنۇب قىسمىغىچە بولغان رايونلاردا ئۆسىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھېچنېمە ئۆتمەيدىغان تۆمۈر قېيىن، سۇغا كىرسىلا چۆكىدىغان قاتتىق قېيىن، »قىزىل تون« يېپىنغان قىزىل قېيىن ۋە قوڭۇر كىيىنگەن قارا قېيىن قاتارلىقلار بار.
ئاق قېيىن يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، ئېگىزلىكى25 مېتىر، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى50 سانتىمېتىر، يوپۇرمىقى ئۈچبۇلۇڭسىمان تۇخۇم شەكىللىك. دەرەخ قوۋزىقى ئاقلىقى بىلەن مەشھۇر، چۈنكى تەركىبىدە 35% ئاق رەڭلىك قېيىن قوۋزىقى جەۋھىرى (بېتولىن) بولغاچقا، دائىم دەرەخ قوۋزىقىغا جۇغلىنىپ بىر قەۋەت »ئاق قىرو« ھاسىل قىلىۋالىدۇ. دەرەخ قوۋزىقى قەغەز ماددىلىق بولۇپ قەۋەتلەرگە بۆلۈنگەن، پىچاق بىلەن تىلسىلا بىر قەۋەت - بىر قەۋەتتىن سويغىلى بولىدۇ. خۇددى بىر ۋاراق قاتتىق قەغەزگە ئوخشايدۇ، خەت يېزىشقا ۋە رەسىم سىزىشقىمۇ، نەپىس ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى ياساشقىمۇ بولىدۇ. دەرەخ قوۋزىقىدا سىزىقسىمان توغرىسىغا كەتكەن تۆشۈكچىلىرى بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا خۇددى دەرەخ غولىدىكى سانسىزلىغان كۆزلەر ئەتراپقا قاراۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ.
ئاق قېيىن ئەتىيازدا يوپۇرماق چىقىرىشتىن ئىلگىرى چېچەكلەيدۇ، گۈلى بىر جىنسلىق، ئاتىلىق - ئانىلىقلىرى بىر تۈپتە، نۇرغۇن ئۇششاق گۈللىرى توپلىشىپ پوتلىسىمان گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بارماقچىلىك توملۇقتىكى گۈل باشىقى شاخلارنىڭ ئۇچىدا ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. گۈلدىن كېيىن يوپۇرماقلىرى ئۆسۈپ، پۈتۈن دەرەخ باراقسىنىنى قاپلاپ، ياپيېشىل، ئېگىز - تىك سالاپەتلىك ھەم چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. ئۆكتەبىردە مېۋىسى پىشىدۇ، قاتتىق شاكاللىق مېۋىسى كىچىك ھەم ياپىلاق، ئىككى يېنىدا مېۋە قانىتى بولۇپ، شامال بىلەن ئۇچۇپ تارقىلىپ ئۆزلۈكىدىن تېرىلىپ ئۆسىدۇ.
ئاق قېيىن يورۇقلۇقنى ياخشى كۆرىدۇ، سوغۇققا قارشى تۇرالايدۇ، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، نەم ھەم مۇنبەت تۇپراقتا ناھايىتى تېز ئۆسىدۇ، كۆكەرتىش، ئورمان بىنا قىلىشتىكى ئاۋانگارت دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ.
ئاق قېيىننىڭ ياغىچى قاتتىق، پۇختا ھەم ئېلاستىكلىقى ياخشى بولۇپ، ئىشلىتىلىشى ناھايىتى كەڭ. قوۋزىقىدىن ئاق قېيىن مېيى چەككىلەپ ئېلىشقا ۋە ئۇنى گىرىم بۇيۇملىرىغا پۇراق ماتېرىيالى قىلىپ ئىشلىتىشكە، قېيىن شىرنىسىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ.
گېرمانىيە خەلقى ئارىسىدا كىشىلەر ئاق قېيىننى ئالىيجاناب مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. ھەر يىلى1 - مايدا ياش قىزلار بالكونلىرىغا بىر تۈپ ئاق قېيىن شېخىنى قاداپ قويىدۇ. ياش يىگىتلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قىزىغا زۇمرەتتەك يېشىل ئاق قېيىن كۆچىتى سوۋغا قىلىشىدۇ.