Uyghur主要词典
ئاقلىماق
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
ئىشقا ئاشۇرماق، يورۇققا چىقارماق، ئەل تىلىكىنى ئەر ئاقلار، يەر داڭقىنى ئەل ساقلار (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ھاك ۋە بورغا ئوخشاش ئاق تۈرگە كىرگۈزگۈچى نەرسىلەر بىلەن بويىماق، ئاقارتماق.
ئۆي ئاقلىماق.
دان، دەرەخ (ياغاچ)، كۆكتاتلارنىڭ پوستىنى، قوۋزىقىنى سويماق، ئايرىماق، شىلتىپ ئالماق.
قوناق ئاقلىماق. شال (گۈرۈچ) ئاقلىماق.
كۆچمە. گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماق؛ ئۆزىنى ئاقلىماق.
ئۈمىد، بۇرچ، ۋەدىگە مۇناسىپ ئىش قىلماق، ئورۇنلىماق.
ئۈمىدنى ئاقلىماق. ۋەدىنى ئاقلىماق.
سىڭدۈرگەن ئەمگەك، بەرگەن تۇزنىڭ بەدىلىگە تۇشلۇق ئىش قىلماق.
سەنمۇ تۈزۈمنى ئاقلاپ، ھالاللىق بىلەن ئىشلىدىڭ.