Uyghur←Chinese主要词典
ئاق گۋاردىيە
دۇنيا تارىخى
白卫军
bái wèi jūn
(1) 1906-يىلىدىكى فىنلاندىيە بۇرژۇئا ساقچى ئەترىتىنىڭ نامى. ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى ئاق پاگوننى بەلگە قىلغان. (2) سوۋېت رۇسىيىسىدە 1918 - 1920-يىللاردىكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي قوراللىق قوشۇنمۇ <ئاق گۋاردىيىچىلەر> دەپ ئاتالغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بەدىئىي ئەسەرلىرى ۋە سىياسىي ئوبزورلىرىدا ھەم شۇ دەۋرلەردىكى بەزىبىر ئەكسىلئىنقىلابىي مىللەتچى قوراللىق كۈچلەرنى (مەسىلەن، فىنلاندىيە، چېخوسلۇۋاكىيە ۋە پولشا ئاقلار ئارمىيىسى) ھەم بارلىق ئەكسىلئىنقىلابىي كۈچلەرنى كۆرسەتكەن. ئاق گۋاردىيىچىلەر ئارمىيىسى چارروسىيىنىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي ئوفىتسېرلىرىنى تايانچ قىلغان بولۇپ، چەت ئەل قوراللىق مۇداخىلچىلىرىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ ھەمدە مېنشېۋىكلار، سوتسىيال ئىنقىلابچىلاربىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغان. دون ۋادىسى، كۇبان، ئۇكرائىنا، بېلورۇسىيە، كاپكارزىيە، تۈركىستان ۋە سىبېرىيە قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك رايونلىرى ۋە چېگرا ئۆلكىلەرنى بىر مەھەل ئىگىلىۋالغان. ئاخىرىدا قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن ئۈزۈل -كېسىل يوقىتىلغان.
ئۇنىۋېرسال
白卫军
bái wèi jūn