Uyghur主要词典
ئاق فوسفور سەرەڭگىچىلەر
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكىنىڭ نيۇ - يورك شەھىرىدىكى دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بۆلۈنۈپ چىققان رادىكاللار. 1835-يىل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى تانمو زالىدا چاقىرىلغان يىغىنىدا، رادىكاللار جاكىسونىنىڭ سىرتقا قارىتا ئۇرۇش قىلىش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشنى، دۆلەتنىڭ شتات بانكىسىنى ۋە مونوپول تەشكىلاتلارنى تولۇقلىشىغا قارشى تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ چاغدا يىغىن مەيدانىدىكى گاز چىراغ ئۆچۈپ قېلىپ، يىغىن قاتناشچىلىرى سەرەڭگە ۋە شام ياندۇرۇپ يىغىننى داۋاملاشتۇرغان، شۇڭا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1836-يىلى ھوقۇقتا باراۋەرلىك پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن. ئۇ شتات بانكىسى بىلەن مونوپول تەشكىلاتلارنىڭ ئىمتىيازىغا قارشى تۇرۇش، قەغەز پۇل تارقىتىشنى ۋاقىتلىق توختىتىش، ئەمگەك ئىتتىپاقى قانۇنىنى قوغداشقا ئىگە بولۇش قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلغان. 1838-يىلى بۇ گۇرۇھ دېموكراتلار پارتىيىسىگە يېڭىۋاشتىن كىرگەن.