Uyghur←Chinese主要词典
ئاق دېڭىز - بالتىق دېڭىز قانىلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
白海-波罗的海运河
bái hǎi -bō luó dì hǎi yùn hé
بۇرۇن <.اى دېڭىز - بالتىق دېڭىز ستالىن قانىلى> دەپ ئاتالغان. بۇ قانال سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدا بولۇپ، شىمالىي تەرىپى بېلومورسكىدىن پوۋېنېتسكىچە سوزۇلۇپ، ئاق دېڭىز بىلەن ئونىگا كۆلىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 227 كىلومېتر كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قېزىلغان سۇ يولى ئاران 37 كىلومېتر كېلىدۇ، سىۋىر دەرياسىنى بېسىپ ئۆتۈپ لادوگا كۆلى، نېۋ دەرياسى ئارقىلىق لېنىنگراد ھەم بالتىق دېڭىزى بىلەن تۇتىشىدۇ. بۇ قانال 1930 -، 1933 - يىللىرى قېزىلغان. قانالنىڭ قېزىلىشى لېنىنگراد بىلەن ئاخانگېلسكى ئارلىقىدىكى قاتناش مۇساپىسىنى 4000 كىلومېتر قىسقارتتى. داۋاملىق كېڭەيتىش ئارقىلىق 5200 توننىلىق پاراخوتلار ھەم ھەرخىل تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتلىرى قاتناشقا بولىدۇ.