Uyghur←Chinese主要词典
ئاق چۈمۈلە
بىئولوگىيە
白蚁
báiyǐ
<تېرمىت> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ھاشاراتلار سىنىپىنىڭ تەڭ قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى ھاشاراتلارنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇ توپلىشىپ ئۇۋا ياساپ ماكانلىشىدۇ، كولونىيىسى ئانا چۈمۈلە، ئەركەك چۈمۈلە، ئىشچى چۈمۈلە ۋە لەشكەر چۈمۈلىلەردىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. بىر كولونىيىدە بىرجۈپ ئانا چۈمۈلە ۋە ئاتا چۈمۈلە بولۇپ، پادىشاھ چۈمۈلە (ئەركىكى) ۋە خانىش چۈمۈلە (چىشىسى) دەپ ئاتىلىدۇ، خانىش چۈمۈلىنىڭ قورساق قىسمى ئالاھىدە چوڭ بولۇپ مەخسۇس كۆپىيىشكە مەسئۇل، ئىشچى چۈمۈلە بىلەن لەشكەر چۈمۈلىلەرنىڭ كۆپىيىش ئاپپاراتى رۇدىمېنتلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. ئىشچى چۈمۈلىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئوزۇقلۇق يىغىش، ئۇۋا ياساش، يول ئېچىش، ئانا چۈمۈلە ۋە لەشكەر چۈمۈلىلەرنى بېقىش، چۈمۈلە تۇخۇملىرىنى يۆتكەپ توشۇش، نىمفا چۈمۈلىلەردىن خەۋەر ئېلىش، زەمبۇرۇغلارنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ. لەشكەر چۈمۈلىنىڭ خىزمىتى كولونىيىنى قوغداشتىن ئىبارەت. ھەر ئۇۋىدا ھەر يىلى نۇرغۇنلىغان قاناتلىق كۆپىيىدىغان چۈمۈلىلەر پەيدا بولۇپ، مەلۇم مەزگىل توپلىشىپ ئۇچقاندىن كېيىن قاناتلىرى چۈشۈپ كېتىدۇ ھەم ئەركەك - چىشىلىرى چېتىشىپ، ئورۇن تاللاپ باشقىدىن يېڭى كولونىيە قۇرىدۇ. ھايات ئۆسۈملۈك تېنى، ياغاچ ماتېرىياللار ھەم تەركىبىدە ئۆسۈملۈك تالالىرى بولغان پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار (مەسىلەن، قەغەز، رەخت قاتارلىقلار) بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئۇ زور زىيانداش ھاشارات بولۇپ، ياغاچلىق تۈزۈلۈشتىكى جىسىملارغا، تومبا، تۇغان (توپىدا ياشايدىغان تۈرلىرى) لارغا ئېغىر زىيان سالىدۇ. شېكەر قۇمۇشى، ئاپېلسىن، ماندارىن قاتارلىقلارغىمۇ زىيانكەشلىك قىلىدۇ. ئۆي ۋە بىنالارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان، كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىرىدىن ئۆي ئاق چۈمۈلىسى ۋە تارقاق ئاق چۈمۈلىلەر بار. ھازىر كۆپىنچە ئارسېنات كىسلاتا پاراشوكى پۈركۈش، ئىسلاش رېئاكتىۋلىرى بىلەن ئىسلاش، ئاساسىي ئۇۋىسىنى تېپىپ سۇ سۈمۈرۈش يولىنى ئۈزۈۋېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلىپ مۇداپىئەلىنىلمەكتە.
ئۇنىۋېرسال,ئورمانچىلىق,دېھقانچىلىق
白蚁
bái yǐ